شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت-ئائىلە مۇھەببىتى
0
2019-05-14 20:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

«مېھرىبان ئانىنىڭ قوللىرىدا يىپ، سەپەردىكى ئوغلىغا تىكەتتى كىيىم......» شى جىنپىڭ 2015-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ تەبرىكلەش زىياپىتىدە «سەپەرنامە» دېگەن شېئىرنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىپ، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى.


△«شى جىنپىڭ ئىشلەتكەن نەقىللەر»: شى جىنپىڭ «سەپەرنامە» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى


ئاتا ئائىلىنىڭ يۆلەنچۈكى بولسا، ئۇنداقتا ئانا ئائىلىنىڭ يېپىشتۇرغۇچىسى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ھاياتىمىزدىكى تۇنجى ئوقۇتقۇچى، ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسى.



شى جىنپىڭ 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: «چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش كېرەك، ئانا مېھرىبان بولسا، بالا ۋاپادار بولىدۇ، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇش، قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش، ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك، ئائىلە ئىناق بولسا، ھەممە ئىش روناق تاپىدۇ دېگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ تومۇرىغا سىڭگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىغا تىرەك بولىدىغان مۇھىم مەنىۋى كۈچ».



«جاھاننىڭ ئاساسى ئائىلىدە»، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، قېرىنداشلىق مېھرىگە ئەھمىيەت بېرىش دېگەندەك، شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە مۇھەببىتى چوڭقۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇ «چوڭلارنى ھۆرمەتلەش»، «ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش» توغرىسىدا كۆپ قېتىم توختالدى ھەمدە تۇرمۇشتا باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولدى.

 

تۆت پارچە سۈرەت

شى جىنپىڭنىڭ كىتاب جاھازىسىدىكى تۆت پارچە سۈرەت كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ سۈرەتلەردە شى جىنپىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسى، ئايالى ۋە قىزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىللىق مىنۇتلارنى خاتىرىلەنگەن.



⬆️ بۇ سۈرەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ سەيلە قىلغان ئىللىق پەيتلەر خاتىرىلەنگەن، ئۇ ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ باغچىدا سەيلە قىلدى. ۋاپادارلىق ئەمەلىيەتتە ھەمراھ بولۇشتىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلاردا ئىپادىلىنىدۇ.


⬆️ شى جىنپىڭ بۇ سۈرەتتە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان دادىسى شى جۇڭشۈننى ئىتتىرىپ، ئايالى پېڭ لىيۈەن، قىزىنىڭ ھەمراھلىقىدا بىللە سەيلە قىلدى. «ۋاپادارلىق»تىن ئىبارەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى گۈزەل پەزىلىتى بۇ مىنۇتلاردا ئۈن-تىنسىز نامايەن بولدى.



⬆️ بۇ ئىككى سۈرەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئايالى پېڭ لىيۈەن بىلەن فۇجيەننىڭ دۇڭشەن ئارىلىدا ۋە فۇجۇدا قىزىنى ئېلىپ ۋېلىسىپىت مىنگەن كۆرۈنۈشى ئايرىم-ئايرىم خاتىرىلەنگەن.

«جاھان شاتلىقىدىكى ئائىلە بەختى» بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئىنتىلىشى بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا كۈرمىڭلىغان ئائىلىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.




بىر ۋاق جۇۋاۋا

شى جىنپىڭ ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، خوتۇن-بالىلىرىغا كۆيۈنۈش جەھەتتە ئىزچىل بىزگە ئۈلگە بولۇپ كەلدى. شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغاندا يەنئەندىن كەلگەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن ھەر كۈنى ئايالىمغا تېلېفون قىلىمەن، توي قىلغىنىمىزغا ئون نەچچە يىل بولدى، كۈندە شۇنداق قىلىمەن. ھەر يىلى چاغان ھارپىسىدا، پېڭ لىيۈەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ، سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزسىلا، ئويۇن كۆرگەچ جۇۋاۋا تۈگۈپ، ئويۇن ئاخىرلىشىپ پېڭ لىيۈەن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن بىللە پىشۇرۇپ يەيدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ يەنئەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۆرۈنۈشى

مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان بىر ئائىلىدە، گەرچە كۆپچىلىكنىڭ جەم بولىدىغان ۋاقتى ئاز، ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتى كۆپ بولسىمۇ، بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ، خەلقئارا دىپلوماتىيە سەھنىسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلدى.

شى جىنپىڭ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن چىقماقتا.

بىر پارچە سالام خەت

2001-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جۇڭشۈننىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى. شۇ چاغدا ئۆيدىكىلەر شى جۇڭشۈنگە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ئەمما فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شى جىنپىڭلا خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن قاتنىشالمىغان. ئۇ خىجىللىقتا دادىسىغا بىر پارچە سالام خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: بۇ دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ، ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا 48 يىل يۈرۈپتىمەن، ئاتا-ئانامغا بولغان تونۇشۇممۇ ئاتا-ئانامغا بولغان مۇھەببىتىمگە ئوخشاشلا چوڭقۇر، دادامدىن مىراس قالغان ۋە ئۆگەنگەن ئالىيجاناپ خىسلەت ناھايىتى كۆپ.

بۇ سالام خەتتە شى جىنپىڭنىڭ دادىسىدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقى ۋە چوڭقۇر ھۆرمىتى ئىپادىلەنگەن. بۇ خەتتىن بىز شى جىنپىڭنىڭ دادىسىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى، شۇنداقلا بىر ئىنقىلاب كېيىنكى ئەۋلادىنىڭ پېشقەدەملەرنىڭ روھىغا ۋارسلىق قىلىش قەسەميادىنى كۆرەلەيمىز.

بىر كۇبلىت شېئىر

«مېھرىبان ئانىنىڭ قوللىرىدا يىپ، سەپەردىكى ئوغلىغا تىكەتتى كىيىم......»

2015-يىلى چاغانلىق كوللىكتىپ تەبرىكلەش زىياپىتىدە، ھەممىگە تونۇشلۇق بۇ «سەپەرنامە» ناملىق شېئىرنى باش شۇجى ناھايىتى قايناق ھېسسىيات بىلەن ئوقۇپ، ساپ ھېسسىياتىنى نايامەن قىلغان ئىدى.

دەل مۇشۇ قېتىملىق سۆزىدە، شى جىنپىڭ «دەۋردە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۇرمۇش ئەندىزىسىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئائىلە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك...... مىليونلىغان ئائىلىلەرنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ مۇھىم ئاساسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى.

بىر نەسىھەت

ئائىلە ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەت مىليونلىغان ئائىلە. ياخشى ئائىلە ئىستىلىدا چوڭ بولۇپ، خەلق ئارىسىدىن كەلگەن شى جىنپىڭ مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ بەخت-سائادىتىنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇپ قالمىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا سۆز قىلغاندا «چوڭلارنى ھۆرمەتلەش»، «چىن ھېسسىياتنى ئۇنتۇپ قالماسلىق»، «ئائىلىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش»نى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى.

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى چاغانلىق كوللىكتىپ تەبرىكلەش زىياپىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى سەۋەبىدىن چىن ھېسسىياتنى ئۈزۈپ قويماسلىق، كۈندىلىك ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن چىن ھېسسىياتنى ئۈزۈپ قويماسلىق، كېچە-كۈندۈزلەپ تىرىشىش داۋامىدا چىن ھېسسىياتقا سەل قارىماسلىقتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سالدى. «ئاتا-ئانا قېشىغا پات-پات قايتىپ تۇرۇش» نەسىھەتى مىليونلىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

ئائىلە كىشىلەر جىسمىنىڭلا ماكانى ئەمەس، بەلكى يەنە كىشىلەر قەلبىنىڭمۇ ماكانى. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە: ئائىلە ئىستىلى ياخشى بولسا، ئائىلە روناق تاپىدۇ، ئىناق، كۆڭۈللۈك بولىدۇ؛ ئائىلە ئىستىلى ناچار بولسا، ئەۋلادلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە ئاپەت تۇغدۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى. بۇ مەنىلىك سۆزلەر ۋە سەمىمىي ئۈمىدلەر كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

ئائىلىدە ۋاپادار، دۆلەتكە سادىق بولۇش كېرەك. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، شى جىنپىڭ 2019-يىللىق چاغانلىق كوللىكتىپ تەبرىكلەش زىياپىتىدە يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى بولمىسا، ئائىلىنىڭ بەخت-سائادىتى بولمايدۇ. ئوخشاشلا، مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ بەخت-سائادىتى بولمىسا، دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى بولمايدۇ. ئائىلىنى، ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ بىردەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر بىر كىشى، ھەر بىر ئائىلىنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىش كېرەك.

«ئائىلىلەر ئىناق بولسا، دۆلەت روناق تاپىدۇ». چوڭلارغا ۋاپادار بولۇپ، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى قەدىرلەپ، ۋەتەن، ئائىلىنى سۆيۈپ، ئىجىل-ئىناق ئۆتۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ باشلامچىلىقىدا، بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا ئىگە جۇڭگودا ياخشى ئائىلە ئىستىلى بىر قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت-ئائىلە مۇھەببىتى
未标题-1.jpg