«4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى
0
2019-05-01 10:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

«4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «4-ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 100 يىل جۇڭگو ياشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن 100 يىل، جۇڭگو ياشلىرى ياشلىق باھارىدەك ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو ۋە مىللەت بەرپا قىلغان 100 يىل. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باش تېمىسى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ بۇرچى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق بىلەن بىرلىكتە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغان، ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا «1919-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە» دېگەن قىزىل رەڭلىك رەقەم ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغان. زالنىڭ 2-قەۋەت بالكونىغا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ «4-ماي» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ گۈزەل ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتايلى، دېگەن خەتلەر يېزىلغان شوئار ئېسىلغان.

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەيداندىكىلەر «مەن ۋە ۋەتىنىم»، «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ»، «شەرەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى»، «ۋەتەنگە مەدھىيە» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتتى، يىغىن مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.

شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي پەيتتە، بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، «4-ماي» باشلامچىلىرىنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى ياد ئېتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىدۇق، بۇ «4-ماي» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. «4-ماي» ھەرىكىتى مىللەت خەتەرلىك پەيتتە قالغاندا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىلغار ياش زىيالىيلارنى ئاۋانگارت قىلغان، كەڭ خەلق ئاممىسى قاتناشقان جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى، جۇڭگو خەلقى مىللەتنى ھالاكەت خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇش، مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، مىللىي كۈچنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن قوزغىغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ھەرىكىتى، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى بىلىملەرنى تارقىتىدىغان ئۇلۇغ ئىدىيە ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋە يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «4-ماي» ھەرىكىتى جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرۇش ئىنقىلابىيلىقى، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەقىقىتىنىڭ ئىلغارلىقى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ كەڭ تۈردە ئاكتىپ قاتنىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولدى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىنى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتە، كادىرلار جەھەتتە تەييارلىق كۆرۈپ، يېڭى ئىنقىلابىي كۈچ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى، ئۇ جۇڭگونىڭ كونا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابقا يۈزلىنىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى مىللىي مۇستەقىللىق ۋە تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «4-ماي» ھەرىكىتى پۈتۈن مىللەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى. «4-ماي» ھەرىكىتى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىلغارلىق، دېموكراتىيە، ئىلىم-پەننى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئۇلۇغ «4-ماي» روھىنى يېتىلدۈردى، ئۇنىڭ يادروسى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىزنىڭ مىللىي روھىمىزنىڭ يادروسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، توختىماي ئالغا باسىدىغان مەنىۋى رىشتىسى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان تومۇرىدا ئاقماقتا، ئۇنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، بۇزۇۋەتكىلى بولمايدۇ؛ ئۇ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندىلا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى جۇڭگو ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش كۈرىشى داۋامىدا تاغنى تالقان قىلىدىغان تارىخىي ئۇلۇغ كۈچنى ئۇرغۇتالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «4-ماي» ھەرىكىتى پۈتۈن مىللەتنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەقىقەتكە ۋە ئالغا ئىنتىلىش ئۇلۇغ ئويغىنىشىنى قوزغىدى. «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ سىنىقى ئارقىلىق بارغانسىرى كۆپ جۇڭگودىكى ئىلغار زىيالىيلار ماركسىزم بايرىقى ئاستىغا يىغىلدى، 1921-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو تارىخىدا يىپيېڭى سەھىپە ئېچىلدى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى بولسىلا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەقىقەتكە ۋە ئالغا ئىنتىلىش ئېقىمىنى ھەر قانداق ئادەم توسۇپ قالالمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «4-ماي» ھەرىكىتى پۈتۈن مىللەتنىڭ كۆرەش قىلىشى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغ ئەنئەنىنى يېتىلدۈردى. «4-ماي» ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو ياشلىرى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۆز كۈچىنى بايقىدى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش ئەمەلىيىتىدىن جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئۆزىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؛ ھېچكىم بىزگە پارلاق جۇڭگو ئاتا قىلمايدۇ. تارىخ شۇنى چوڭقۇر ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ قۇربانلىقلارنى بەرسىلا، دۆلىتىمىز چوقۇم باي-قۇدرەتلىك بولۇش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ، مىللىتىمىز ئۇلۇغ گۈللىنىشنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياشلار پۈتكۈل ئىجتىمائىي كۈچلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ جانلىق كۈچ، دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەم تېپىلغۇسىز تۆھپە يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىبارەت كىشىلىك ھايات سەرگۈزەشتىگە دۇچ كەلمەكتە، ھەم مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىن ئىبارەت دەۋر ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلمەكتە. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى «4-ماي» روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، بۇ ئۇلۇغ دەۋرىمىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىغا مۇنداق ئالتە نۇقتىلىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، ئۇلۇغۋار غايە، ماركسىزمغا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزۇپ؛ يېڭى دەۋر، يېڭى ماكانغا ئاتلىنىپ، ياشلىق باھارىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش داۋامىدا چاقنىتىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، ۋەتەننى ۋە خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بىر ئۆمۈر ھەقىقىي ئۆزىنى بېغىشلاش، بىر ئۆمۈر قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن-ئاخىر قەلبىمىزدە جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ياشلىق باھارىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىپايان زېمىنىدا نامايان قىلىپ، كىشىلىك ھاياتىنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جاسارەت بىلەن ئىنتىلىش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن كۆرەش قىلىشتا نامايان قىلىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇش كېرەك.

تۆتىنچى، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىۋاتقان جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگۈچى، يول ئاچقۇچى، تۆھپە قوشقۇچى بولۇپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش داۋامىدا زېمىن ئېچىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا نەتىجە يارىتىپ، ياشلىق باھارى ۋە قان-تەرى ئارقىلىق دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىش كېرەك.

بەشىنچى، قاتتىق ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىشتە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ؛ پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئادىمىيەت ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي قابىلىيەت ۋە ئەمەلىي بىلىم بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئالتىنچى، ئەخلاق-پەزىلىتىنى تاۋلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەخلاق-پەزىلەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جامائەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ يۇقۇرى دائىرە، تېخىمۇ سۈپەتلىك كىشىلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىپ، پاك-دىيانەتلىك توغرا كەيپىيات، جۇشقۇن كەيپىياتنى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەۋىج ئالدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلاشتا چوقۇم باشتىن ئاخىرى بارلىق ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىشى، بارلىق ياشلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشى، ياشلارغا تاينىشى، غايەت زور كۈچ سەرىپ قىلىپ ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ياش بىر ئەۋلادلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ــ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك كادرىلار ۋە پۈتۈن جەمئىيەت ياشلارغا تولۇق ئىشىنىپ، ياشلارغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ياشلارنىڭ ئارزۇسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاپ، ياش دوستلارنىڭ سىردىشى، ياشلار خىزمىتىنى سۆيدىغان قىزغىن كىشىلەر ۋە ياشلار ئاممىسىنىڭ يولباشچىسى بولۇشى كېرەك. ياشلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىپ، ياشلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ياشلارغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ياشلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ، ياشلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ياشلارنىڭ تەبئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلارنىڭ دەردۇ ھالى، ئارزۇ تەلەپلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ياش ئىجادكارلارنىڭ تىرىشىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشى، ھەممىسىنىڭ ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشى، ھەممىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ كارامىتىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن تەرەققىيات شارائىتى يارىتىپ، ياشلار قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت ۋە نەتىجىلەرنى قوللاپ، مەدەت بېرىپ، ياش قەھرىمانلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە تېزدىن يۈرۈش قىلىشىقا تۈرتكە بولىدىغان جۇشقۇن كۈچلەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلارنى يېتەكلەش، ئۇيۇشتۇرۇش، سەپەرۋەر قىلىش، ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. بارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ياشلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشى، ياشلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بېرىشى، ياشلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە «4-ماي» باشلامچىلىرىنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، يېڭى دەۋردە «4-ماي» روھىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى، ھازىرقى زامان ياشلىرىغا بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، ئەجدادلارغا، دەۋرگە، خەلققە مۇناسىپ ئۇلۇغۋار سەھىپىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك. يىغىن ھەيۋەتلىك «ئىنتىرناتسىئونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋىي تەشكىلات تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋە ياشلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

 

未标题-1.jpg
F201905081556338096702488.jpg