شى جىنپىڭ باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
0
2019-04-29 16:00:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

شى جىنپىڭ 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭنىڭ يەنچىڭدا 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «يېشىل تۇرمۇش ئۈستىدە تەڭ ئىزدىنىپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبىئەتكە ماسلىشىدىغان، ئېكولوگىيەنى ئاسرايدىغان يېشىل تەرەققىيات-كەلگۈسىنى چاقىرماقتا، يەر شارى-پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ياشاشتا تايىنىدىغان بىردىنبىر ماكانى. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، گۈزەل يەر شارى ماكانىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

4-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بېيجىڭدا ھەممە مەۋجۇداتلار جانلىنىپ، ھەممە يەرنى گۈل-گىياھلار قاپلىغان ئىدى، ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلىنىڭ باغرىدىكى گۈزەل گۈيشۈي دەرياسى بويىغا جايلاشقان ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى گۈيرۈي تىياتىرخانىسى قاناتلىرىنى كەڭ يايغان رەڭدار كېپىنەككە ئوخشايتتى.

كەچ سائەت سەككىزلەردە، شى جىنپىڭ بىلەن ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئەمدىلا 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چېخ زۇڭتۇڭى زېمان، جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جېئىنبىكوۋ، نېپال زۇڭتۇڭى باندارى، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسىن، بېرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسان سۇكى، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى نىكاي توشىخىرو قاتارلىق چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى.

نەق مەيداندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا چىقىرىلدى. ھەيۋەتلىك مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ بايرىقى، خەلقئارا باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بايرىقى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ بايرىقى تەرتىپ بويىچە چىقىرىلدى.

شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، يىراقتىن كەلگەن ھەر قايسى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۈزەل جۇڭخۇا زېمىنى-جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياشاشتا تايىنىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدىغان ماكانى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بەش مىڭ يىلدىن ئارتۇق شانلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالەم بىلەن ئادەم بىر گەۋدىلەشكەن يۈكسەك ئىنتىلىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ھازىر، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈلدى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش-جۇڭگو خەلقى كۈچلۈك ئىنتىلگەن كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىيات يولىغا كىردى، تېخىمۇ كۆك ئاسمان، تېخىمۇ يېشىل تاغلار، تېخىمۇ سۈزۈك سۇلار ئۈزلۈكسىز كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا، ئېكولوگىيە گۈللەنسە مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە چېكىنسە مەدەنىيەت چېكىنىدۇ. كۆز ئالدىدىكى كىچىك پايدىنى دەپ، كەلگۈسى مەنپەئەتنى قۇربان قىلىدىغان، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا ئويلاپ، يىراق مەنپەئەتنى ئويلىمايدىغان تەرەققىيات ئۇسۇلى ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى، تەبىئەتكە ماسلىشىدىغان، ئېكولوگىيەنى ئاسرايدىغان يېشىل تەرەققىيات كەلگۈسىنى چاقىرماقتا. يەر شارى-پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ياشاشتا تايىنىدىغان بىردىنبىر ماكانى. بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۆز كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، بىز ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىغا ئىنتىلىشىمىز؛

ئىككىنچى، بىز يېشىل تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشكە ئىنتىلىشىمىز؛

ئۈچىنچى، بىز تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈشكە ئىنتىلىشىمىز؛

تۆتىنچى، بىز ئىلمىي تۈزەش روھىغا ئىنتىلىشىمىز؛

بەشىنچى، بىز بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشقا ئىنتىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا، ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىيات يولىنى بەرپا قىلىش شۇنداقلا يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش شەرت. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، گۈزەل يەر شارى ماكانىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى ئەۋلادلارغا مەنسۇپ. ئۆزىمىزدىن، ھازىردىن باشلاپ، بۇ خىزمەتنى بىرمۇ-بىر كۈچ ئۇلاپ داۋاملاشتۇرايلى!

شى جىنپىڭ 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئېچىلدى دەپ جاكارلىدى.

تىياتىرخانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. سەھنىدە، پىدائىيلار كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقان تەشكىلاتلارنىڭ بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، سەھنىنى رەڭگارەڭ ئوكيانغا ئوخشاش بېزىدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ باش كاتىپى لوسېرتالېس، خەلقئارا باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوستىروم ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگونى يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسى دەپ ماختىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى زور دەرىجىدە نۇرلاندۇرۇپ، ئەۋلادلارغا مول يېشىل مىراس قالدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز دېدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن «گۈزەل ماكانىمىز» باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنى بىرلىكتە كۆردى. خۇ چۈنخۇا ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بېيجىڭنىڭ يەنچىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، «يېشىل تۇرمۇش، گۈزەل ماكان»-كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. جەمئىي 110 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

 

未标题-1.jpg
F201905081556338096702488.jpg