ئىككىنچى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى ئېچىلدى
0
2019-04-28 11:00:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

ئىككىنچى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ يەنچى كۆلى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جەمئىي 40 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەمدە بىرلەشمە ئاخبارات ماقۇللىدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. خەن جېڭ قاتناشتى.

4-ئايدىكى گۈزەل يەنچى كۆلى بويىغا مېھمانلار جەم بولدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھال سورىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلاپ: ھازىر مەن 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلايمەن دېدى.

شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان، بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىغا يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردۇق. بىز يەنە بىر قېتىم باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر ھەقىقى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئېچىۋېتىش، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسى بويىچە، يۇقىرى ئۆلچەملىك، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل نىشاننى قوغلىشىش؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى قوللاشنى «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، مۇھىت ئاسراشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئالاقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. دىققەتنى ئۇل ئەسلىھەلەر ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بازارنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ۋە كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى قۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. قىسقىسى، ھەر تەرەپلىمە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاساسىي قۇرۇلۇش ئارقىلىق يېتەكلەش، كەسىپلەرنى توپلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئېچىۋېتىشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايون ۋە خەلقئارا تەرەققىيات قارالمىلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە كارخانىلارنى چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە تورت ياساشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. كۆپ تەرەپچىلىك روھى بويىچە «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئارقىدىن يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1-، 2-، 3-باسقۇچلۇق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر «ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىش»، «سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش»، «يېشىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ 2030-يىللىق قارالمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» قاتارلىق قارالمىلاردا كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قاتناش-تىرانسپورت، مەبلەغ، ئېنېرگىيە، رەقەملىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن داۋاملىق يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى سۇپا قىلىپ، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە ئۇنى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى قوللايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى قوللاش، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ دەپ قارايدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنىڭ بىرى دەپ ماختىدى، بۇ دۆلەتلەر ۋە رايونلارئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، لىنىيە بويىدىكى رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرگە ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي مەنپەئەتكە، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەبرىكلىدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زور ئىنكاسىنى قوزغىدى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىنتايىن ئىجابىي سىگنال بەردى، بۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقىدى. ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقى، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن يېپىلىش باسقۇچىغا كىردى، ھەر قايسى تەرەپلەر («بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى، 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى بىرلەشمە ئاخباراتى »)نى ماقۇللىدى.

شى جىنپىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ياغاچ توقماقنى ئۇرۇپ، يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى ئەھۋالى ۋە ئاساسلىق نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى ۋە قارالمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ،ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىجابىي باھا بېرىمىز. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنى ئورتاق گۈللىنىشكە تۇتىشىدىغان پۇرسەت يولى دەپ قارايمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئورتاق قۇرۇلغان بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بولۇپمۇ تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن دەسلەپكى نەتىجىلەر ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق يارىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى بېيىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشنى بىردەك تەكىتلىدۇق. بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ؛ ئېچىۋېتىلگەن، پاك-دىيانەتلىك، يېشىل تەرەققىياتنى بىردەك قوللاپ؛ قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ؛ يۇقىرى ئۆلچەم، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە قوشۇلۇپ؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىتنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ماڭىمىز. بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈمگە ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز كەلگۈسىدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدۇق. بىز قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، توردا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ؛ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرىدىغان، باھاسى مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان ئۇل ئەسلىھە بەرپا قىلىمىز. بىز ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا قوشۇلىمىز. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللاپ، تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيانىڭ قىممەت زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىپ، بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز دۇنياۋى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى كۈچەيتىشنى بىردەك قوللايمىز. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە پىلانىنى چوڭقۇر جىپسىلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى ۋە سودا چوڭ يولى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىمىز. بىز كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ؛ باشلىقلار مۇنبىرىنى يېتەكچى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىنى تىرەك قىلغان قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مۇھىم كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق سۇپىسى بولۇپ، باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ دائىملىق ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى قوللايمىز. بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە تەييارلىق كۆرۈش جەريانىدا ۋە ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، ھەرقايسى تەرەپلەر 283 تۈرلۈك ئەمەلىي نەتىجە ھاسىل قىلدى. مۇنبەر مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن كارخانىچىلار يىغىنىدا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەرباپلار جەلپ قىلىنىپ، ئومۇمىي سوممىسى 64 مىليارد ئامېرىكا دوللاردىن ئارتۇق تۈر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ نەتىجىلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا ئېقىمغا ماسلىشىش، ئەل رايىغا بېقىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دۇنياغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تولۇق چۈشەندۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە سىرتقا «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش دوستلار چەمبىرىكىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى، ياخشى شېرىكلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، ھەمكارلىق سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى ئۆسىۋاتقانلىقى، تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق سىگنال تارقىتىلدى. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تۈرلۈك ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي، پۇختا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو رەئىس دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

شۇ كۈنى چۈشتە شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇ چۈنخۇا، سەي چى، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 

未标题-1.jpg
F201905081556338096702488.jpg