«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»سىزنى ئانا ۋەتەن ساياھىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ
0
2019-03-02 10:28:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

گۈزەل جۇڭگوغا نەزەر، «ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-بۆلۈمى سىزنى ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى ساياھىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، چوڭ تىپلىق چاتما ھۆججەتلىك فىلىم «ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-بۆلۈمىنى تارقىتىشنى باشلاش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شېن خەيشيۇڭ قاتناشتى.

مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شېن خەيشيۇڭ «ئايروكامېرادىكى جۇڭگو» فىلىمى 2-بۆلۈمىنىڭ تارقىتىشنى باشلاش كونۇپكىسىنى باستى.

«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-بۆلۈمىدە بۇ فىلىمنىڭ ئاۋاز ئۈنۈمى ۋە مۇزىكا ئۆزگىچىلىكى ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىي ئىجادىيەتتىكى مۇزىكىلىرىغا چوڭ كۈي، خەلق قوشىقى، ئەلنەغمە قاتارلىق ئامىللار قوشۇلغان. ئوخشاش بولمىغان مىلودىيەلەردىن كۆپ خىل ھېس-تۇيغۇ ۋە كەيپىياتلار تارىلىپ، فىلىمنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-بۆلۈمىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ئوبدان سۆزلەش، بۈيۈك جۇڭگو گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا يەنە سەلتەنەتلىك قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ نېگىزلىك ئامىللىرى ۋە يېڭى دەۋر سالاپىتى يۇغۇرۇلغان. «ئايروكامېرادىكى جۇڭگو» ھۆججەتلىك فىلىمى ئىپادىلەش تۈسى جەھەتتە ياشلىشىش، ئالاقە تورىغا ئۇيغۇنلىشىش، خەلقئارالىشىشقا قاراپ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن. فىلىمنىڭ 2-بۆلۈمىنىڭ ئىجادىيەت باسقۇچىدىن باشلاپلا يۇغۇرۇلما تاراتقۇ ئارقىلىق تارقىتىش پىلانلانغان بولۇپ، كۆپ لىنىيەلىك تەڭ تارقىتىش، كۆپ شەكىللىك، كۆپ ۋاسىتىلىك تارقىتىش ھالىتى شەكىللەندۈرۈلگەن. بۇ ھەم فىلىمنىڭ 1-بۆلۈمىنىڭ ئالاقە تورىدا كەڭ تارقىلىپ، «قالتىس ئابرويلۇق مەھسۇلات» بولۇپ قېلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى.

«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»نىڭ 2-بۆلۈمى 3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ۋە تېلېۋىزوردا تارقىتىلىدۇ. تېلېۋىزوردا ئاساسلىقى مەركەز تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى، مالىيە-ئىقتىساد قانىلى، خەلقئارا قانىلى، ھەربىي ئىشلار-يېزا ئىگىلىكى قانىلى، 4K يوقىرى ئېنىقلىقتىكى پىروگرامما قانىلى قاتارلىق قاناللاردا تارقىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ پىروگرامما يەنە ئىسپانچە، ئېنگىلىزچە، فىرانسوزچە، ئەرەبچە، روسچە قاتارلىق كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ چەتئەل تىلى قانىلىدا خەلقئاراغا تارقىتىلىدۇ.

يېڭى تاراتقۇ تېرمىنالى جەھەتتە، بۇ فىلىم يەنە مەركەز تېلېۋىزىيەسى ئاخبارات ئەپى، مەركەز تېلېۋىزىيەسى ئاخبارات كۆچمە تورى، مەركەز تېلېۋىزىيەسى تورى، مەركەز رادىيو تورى، مەركەز رادىيوسى ئاخبارات ئەپى، خەلقئارا خەۋەر تورى، يەرشارى خەۋەر-ئۇچۇر ئەپى قاتارلىقلاردا تەڭ قەدەملىك تارقىتىلىدۇ. فىلىمنىڭ ئېسىل مەزمۇنلىرى يەنە مەركەز رادىيوسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى بىلوگ، ئۈندىدار سوپىلىرىدا يوللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مەركەز خەلقئارا رادىيوسى نامىدىن چېگرا سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپ خىل تىللاردا تاللاپ كۆرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ بېرىلىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە قىسقا سىن سۇپىلىرىدىمۇ مەركەزلىك قويۇلۇپ، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە دەل جايىدا تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو» يالغۇز مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭلا نام كارتۇچكىسى ئەمەس، بىز ئۇنى يەنە گۈزەل جۇڭگونىڭ نام كارتۇچكىسىغا ئايلاندۇرىمىز.

 

b02.webp.jpg
«ئايروكامېرادىكى جۇڭگو»سىزنى ئانا ۋەتەن ساياھىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ
1551004314432485.jpg