5G تورى سىناق نۇقتا شەھەرلىرى ئېلان قىلىندى
0
2019-02-28 16:25:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

5G تورى 2018-يىلىدىكى بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. تېخى يېقىندىلا دۇنيادىكى تۇنجى 5G ۋوگزال شاڭخەي خوڭچياۋ ۋوگزالىدا قۇرۇلۇشقا باشلاندى ۋە بۇ يىل 9-ئايدا 5G تور بىلەن قاپلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. يېقىندا مەملىكەت مىقياسىدىكى 5G تورىنىڭ سىناق نۇقتا شەھەرلىرىمۇ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەتكە. ئۇنداقتا قايسى تەلەيلىك شەھەرلەر بۇ تىزىملىككە كىرەلىگەندۇ؟

دۆلىتىمىزدە تۇنجى 3G تورى 2009-يىلى ئېچىلغان ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن سەككىز يىل كېچىكىپ چىققان. 4G تورى بولسا 2014-يىلى ئېچىلغان بولۇپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن ئۈچ يىل كەينىدە قالغان. بىراق بۇ قېتىم 5G تورىدا ئېلىمىز باشقىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويمىغان. دۆلىتىمىزنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى 5G سىناق نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىشى ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، شاڭخەي، خاڭجۇ، سۇجۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى تاللىغان. تېلېگراف خەۋەرلىشىشى لەنجۇ، سۇجۇ، شېنجېن، شيوڭئەن، شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى تاللىغان. بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى بولسا گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، شاڭخەي، چوڭچىڭ، گۇيياڭ، جېڭجۇ، فۇجۇ، چىڭداۋ، تيەنجىن، خاڭجۇ، شېنياڭ، بېيجىڭ، شيوڭئەن، ۋۇخەن، نەنجىڭ شېنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە سىناق نۇقتىسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

b02.webp.jpg
5G تورى سىناق نۇقتا شەھەرلىرى ئېلان قىلىندى
1551004314432485.jpg