كورلىدىن ئۈچ «پۇتبولچى بالا» جۇڭگو-بىرازىلىيە خەلقئارا پۇتبول مەكتىپىگە تاللاندى
0
2019-02-26 16:25:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

سۈرەت: كورلىدىن تاللانغان ئۈچ «پۇتبولچى بالا». ياۋ چيەن فوتوسى

جۇڭگو خەۋەرلىرى تورىنىڭ 24-فېۋرال ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىر ۋاڭ شياۋجۈن، ياۋ چيەنلەرنىڭ 24-فېۋرال كورلا شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، كورلىدىن ئۈچ «پۇتبولچى بالا» جۇڭگو-بىرازىلىيە خەلقئارا پۇتبول شۆيۈەنىگە تاللانغان. پۇتبول شۆيۈەنى تاللانغان بۇ بالىلارنى ماھىرلىق تۈرى بويىچە چېنىقتۇرغاندىن كېيىن، بىرازىلىيەگە ئاپىرىپ مەشىقلەندۈرىدىكەن.

خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، بارلىق كۇلۇب ئەزالىرى قىزغىن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، بۇ ئۈچ «پۇتبولچى بالا»نى قىزغىن تەبرىكلەشتى. ياۋ چيەن فوتوسى

مۇساجان ئەخمەت، نۇرياسىن مەمەت، مۇختەر ئابدۇغېنى قاتارلىق بۇ ئۈچ «پۇتبولچى بالا» شىنجاڭ بىخلان پۇتبول كۇلۇبى چەكلىك شىركىتىنىڭ كوماندا ئەزالىرى. مەزكۇر كۇلۇب ئۆزى تۇرۇشلۇق جايغا تېخىمۇ كۆپ سەرخىل پۇتبول مايسىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى ئاساسلىق كەسىپ قىلغان. بۇ كۇلۇب 2017-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپى ئۆتكۈزگەن 16-نۆۋەتلىك لۇنىڭ لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. بۇ مۇسابىقىدە، شىنجاڭ بىخلان كوماندىسى بىرىنچى قېتىم مەملىكەت بويىچە چىمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

 

ھەر تەرەپ ۋەكىللىرى «پۇتبولچى بالىلار» بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى. ياۋ چيەن فوتوسى

2018-يىللىق مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر بەش كىشىلىك پۇتبول سەرخىللار مۇسابىقىسى»دە، شىنجاڭ بىخلان پۇتبول كۇلۇبى مۇسابىقىگە 9 ياشلىقلار، 11 ياشلىقلار، 13 ياشلىقلار تۈرى بويىچە ئۈچ پۇتبول كوماندىسىنى ئەۋەتكەن. كۇلۇبنىڭ 9 ياشتىن تۆۋەنلەر تۈرىگە قاتناشقان كوماندىسى چىمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، 11 ياشتىن تۆۋەنلەر تۈرىگە قاتناشقان كوماندىسى ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن، 13 ياشتىن تۆۋەنلەر تۈرىگە قاتناشقان كوماندىسى بەشىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن.

شىنجاڭ بىخلان پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تىرىنېرى يۈسۈپجان نەجمىدىن مۇنداق دېدى:

-جۇڭگو-بىرازىلىيە خەلقئارا پۇتبول شۆيۈەنىگە تاللانغان بۇ ئۈچ بالىمىزنىڭ تېخىمۇ يوقىرى سەۋىيەلىك سەھنىدە تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىنى، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز! بۇندىن كېيىن، بىز كورلىدىن ئېسىل پۇتبول مايسىلىرىنى قېزىش ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ، تېخىمۇ ئېسىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، 23-فېۋرال جۇڭگو-بىرازىلىيە پۇتبول شۆيۈەنىنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ چىشېڭ شىنجاڭغا يېتىپ كېلىپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە پۇتبول شۆيۈنى بىلەن شىنجاڭ بىخلان پۇتبول كۇلۇبىنىڭ زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بازىسى كىلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

ليۇ چىشېڭ مۇنداق دېگەن:

-بۇ قېتىم كورلىدىن تالانتلىق ئۈچ پۇتبولچىنى تاللىدۇق، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يولىغا ئىشەنچىمىز كامىل. بۇ ئۈچ بالا شىئەنگە بارغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ياتاق-تاماق ۋە ئۇقۇش ئىشلىرىنى كۇلۇب ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىمىز.

سەككىز ياشلىق مۇساجان ئەخمەت كىچىكىدىنلا ئاتىسى ئەخمەت رېھىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بەش ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا پۇتبولغا ئۇچراشقان ھەمدە مەشىققە قاتناشقان، ئۈچ يىللىق مەشىقتىن كېيىن، ئۇ ھازىر كىچىككىنە يېشىل مەيداندىكى «پۇتبول كىچىك چولپىنى»غا ئايلانغان.

مۇساجان ئەخمەتنىڭ ئاپىسى ئامىنە ئەخمەت مۇنداق دەيدۇ:

-بالام 5 ياشقا كىرگەندىن تارتىپ بىخلان پۇتبول كۇلۇبىدا مەشىققە قاتناشتى، بۇ قېتىم شەنشى پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپتۇ، مەن ناھايىتى خوش بولدۇم، بالامنىڭ ئۇ يەردە ئۇستا پۇتبولچى بولۇپ يېتىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى تەربىيەسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بىلەن قاراپ كەلگەن. نۆۋەتتە مەكتەپ ئىچى پۇتبول پائالىيەتلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇنلىغان ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول ھەرىكىتىگە ئىشتىياق باغلىغان. كورلا شەھىرىدىن تېكىچى يېزىلىق مەركىزىي مەكتىپى، قارايۇلغۇن يېزىلىق مەركىزىي مەكتىپى، چەرچى باغۋەنچىلىك مەيدانى مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ كوماندىلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەر خىل مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شۇڭا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كورلا شەھىرى دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك چوڭ پۇتبول كۇلۇبلىرى ۋە پۇتبول مەكتەپلىرىنىڭ پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاشقا كېلىدىغان جايى بولۇپ قالدى.

1124152640_15508411469131n.jpg
1551004314432485.jpg
كورلىدىن ئۈچ «پۇتبولچى بالا» جۇڭگو-بىرازىلىيە خەلقئارا پۇتبول مەكتىپىگە تاللاندى
a07.jpg