شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-02-24 11:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى خەلق سارىيىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى، خەن جىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇھەممەدكە پادىشاھ سالمانغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك يېڭى ئەندىزە شەكىللەندى. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئۆزىنىڭ دوستى، ياخشى شېرىكى دەپ قارايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دوستلۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قوللىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز - ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ، ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ. ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەنپەئەتنىڭ بىرىكىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2030 مەنزىلى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېزلىتىپ، ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ، ئۇل ئەسلىھە، سودىغا مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك كەسىپلەر قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت جۇڭگو - پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق رايۇنى خەلقىنىڭ تىنچلىق تەلىپىنى قوللايدۇ، رايون دۆلەتلىرنىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش، تىپىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى تىرىشىچانلىقىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن ئىيتىدۇ ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن تەرەققىيات ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئوتتۇرا شەرقنى ئىدارە قىلىش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» ئارقىلىق رايون تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش كېڭىشىش ئارقىلىق، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىغا ئورتاق ئىلھام بېرىشى ۋە قوللىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىپ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

مۇھەممەد ئالدى بىلەن پادىشاھ سالماننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. مۇھەممەد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىنتايىن دوستانە بولۇپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلماقتا . ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقانداق ئىختىلاپى يوق. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل، جۇڭگونى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى دەپ قارايدۇ، جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ بىر قىسمى. سەئۇدى ئەرەبىستانى، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئورتاق قۇرۇشنى قوللايدۇ ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2030 مەزىلى بىلەن بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنش ھوقۇقى بار. سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئىجابىي رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى .

1551004314432485.jpg
a07.jpg