ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى خۇەنسەيخۇ كۆلىنىڭ قىشتىكى جىلۋىسى
0
2019-02-20 16:54:00
|
مەنبەسى:تىيانشان تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

 

قىش ئايلىرىدا شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى خۇەنسەيخۇ كۆلى جىمجىت ۋە رەڭدار بولۇپ، كۆل ئەتراپىنى گەرچە قېلىن مۇز تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆل مەركىزى يەنىلا ئەينەكتەك جىمجىت ئىدى. كۆل يۈزىدىكى مۇز گۈللىرى يىراقتىن قارىغاندا كىچىك قۇشلاردەك كۆرۈنەتتى، لەيلىمە كۆۋرۈك ئاسما يولىنى بويلاپ يېقىنلاشقىنىڭىزدا نەپىس مۇز گۈللىرى سىزگە نېلۇپەر گۈللىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئەتراپتىكى قارلىق چوققىلار مەيلى تاڭ نۇرىدا بولسۇن ياكى كەچكى شەپەقتە بولسۇن ھەمىشە ئىللىق رەڭدە ئىپادىلىنىپ، كىشىگە ئۇنچە سوغۇق ئەمەستەك تۇيغۇ بېرەتتى. جىمجىتلىققا تولغان خۇەنسەيخۇ كۆلى ياز پەسلىدىكىدەك ئاۋات بولمىسىمۇ، ئۆزىگە خاس گۈزەللىكنى جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.