كورلىغا ئاققۇلار ماكانلاشتى
0
2019-02-20 16:51:00
|
مەنبەسى:تىيانشان تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، كورلا شەھەرلىك باغۋارانلاشتۇرۇش-كۆكەرتىش ئىداىرىسى باغ-ئورمان مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتى ئاققۇلار ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش خادىمى زۇلەيگۈل تۇرسۇن ( ئالدىدا ) ئاققۇلارغا يەم بەرمەكتە.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاققۇلار كورلا شەھىرى كاككۇك دەرياسىدا ئوينىماقتا. ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى )

يېقىندا، كورلا شەھىرى كاككۇك دەرياسىدا قىشلايدىغان نەچچە يۈز ئاققۇ، نۇرغۇن شەھەر ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ھازىر، كورلا شەھىرىگە تەخمىنەن 400 ئاققۇ ماكانلاشقان بولۇپ، سۇ يۈزىدە خاتىرجەم ئويناپ يۈرگەن بۇ ئاققۇلار كورلا شەھىرىگە ئىللىق باھار تۈسى قوشتى.

«چوڭ ئاققۇلار بۇ شەھەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالغان، ئەمما بۇ، ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق دېڭىز ئۆردىكىنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كېلىشىدۇر». 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 19لەردە، كاككۇك دەرياسى بويىدا ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق دېڭىز ئۆردىكىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقان شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ياڭ فېيفېي ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: كورلا شەھىرى سۇ قۇشلىرىنىڭ قىشلايدىغان ئەڭ ياخشى ماكانى بولۇپ قالدى. تۇنجى قېتىم بۇ شەھەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغان ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق دېڭىز ئۆردىكى ، بىر خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان قىشلىمايدىغان قۇش بولۇپ، مەن چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى كاككۇك دەرياسىدىكى سۇ قۇشلىرى توپى ئىچىدە ئۇنى بايقاپ قالدىم.

ياڭ فېيفېي قۇشلارنى سۈرەتكە ئېلىش بىلەن شۇغۇللانغىلى 10 نەچچە يىل بولدى. كورلا شەھىرى ئۇنىڭ قۇشلارنى سۈرەتكە تارتىدىغان مۇھىم نۇقتىسى. ياڭ فېيفېي يەنە مۇنداق دېدى: مەن ھەر يىلى قىشتا ۋاقىت چىقىرىپ كورلىغا كېلىپ ھەر خىل قۇشلارنى سۈرەتكە تارتىمەن. 10 يىل ئىلگىرى كۆنچى دەرياسىدا قىشلايدىغان سۇ قۇشلىرىدىن پەقەت ياۋا ئۆردەك، ئاققۇ قاتارلىق بىر نەچچە خىل قۇشلارلا بار ئىدى. ھازىر قۇشلارنىڭ تۈرى 10 خىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق ئۆردەك ، يېكەن توخۇسى ۋە ئاققاش بۇلبۇلى قاتارلىقلار بار. قۇشلارنىڭ سانى ۋە تۈرى ئېكولوگىيە مۇھىتىنىڭ بارومېتىرى ، قەيەرنىڭ مۇھىتى ياخشى بولسا ئۇلار شۇ يەرگە ئۇچۇپ بارىدۇ. كورلىنىڭ سۇ قۇشلىرى قىشلايدىغان ئەڭ ياخشى ماكان بولۇپ قېلىشىدا، كورلا شەھرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى،شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى ئاسراش ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.