ئامېرىكا راستىنلا مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەتكە كىردىمۇ؟ !
0
2019-02-15 18:22:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئامېرىكىنىڭ ئاقسارىيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىشى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەتكە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا تام قوپۇرۇش توغرىسىدىكى تالاش - تارتىش ئۈزۈلمىدى. ئاقساراي دائىرىلىرى شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ خامچوت لايىھەسى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا تاقىلىپ قېلىشىدىن ساقلانماقچى بولغانلىقى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقى، ئۇنىڭ پارلامېنتتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئامېرىكا-مېكسىكا چىگراسىغا تام قوپۇرۇش خىراجىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

تەيۋەندىكى «جۇڭگو ۋاقتى ئېلېكتىرونلۇق گېزىتى»نىڭ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تىرامپ بۇلتۇرنىڭ ئاخىرلىرى پارلامېنتتىن ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا تام قوپۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىشىنى ئىلتىماس قىلىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ، قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ 35 كۈن تاقىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھۆكۈمەت بۇ يىل 1-ئايدا مىڭ تەسلىكتە قايتا يۈرۈشتۈرۈلگەن، تىرامپ تام قوپۇرۇش خىراجىتىگە ئېرىشەلمىگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، تىرامپ «باشقا مېخانىزم» ئىزدەپ، تام قوپۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرماقچى بولغان.

ئامېرىكا پارلامېنت شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىشى مۇمكىن. بۇ خامچوت لايىھەسى تىرامپ تەلەپ قىلغان 5 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تام قوپۇرۇش خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. بىراق چېگرا بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار باشقا چارە-تەدبىرلەرگە مەبلەغ ئاجرىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى سارا ساندېرس بۇ توغرىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىرامپ ھۆكۈمەت چىقىم قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا تاقىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ترامپ باشقا مەمۇرىي چارىلەرنى قوللىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ، جەنۇبتىكى چېگرادا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە ئالاقىدار كىرزىسلارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇشقا كاپالەتلىك قىلىشمۇ بار.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن چىققان كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئاز سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى شۇمېرنىڭ ئېيتىشىچە، ترامپ ناۋادا چېگرا رايونىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىسا، «زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقان ئىشلەتكەن» بولىدۇ، بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى ئېغىر دەرىجىدە كۆزگە ئىلمىغانلىق، دېموكراتلار پارتىيەسى ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ.

ئامېرىكا پارلامېنتى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى پېلوسىنىڭ ئېيتىشىچە، ناۋادا تىرامپ پۈتۈن دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ، مەبلەغگە ئېرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى چېگراغا ئېگىز تام قوپۇرسا، ئۇنداقتا ئۇ تىرامپنى قانۇن بويىچە سوتقا ئەرز قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇخبىرلار ئاۋام پالاتا ئەزاسى پېلوسىدىن قانۇن بويىچە سوتقا ئەرز سۇنىدىغان -سۇنمايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەرز سۇنۇشۇم مۇمكىن، دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەرمۇ بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ».

 

ئامېرىكا راستىنلا مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەتكە كىردىمۇ؟ !