«دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى جۇڭگو ئارمىيەسى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى
0
2019-02-13 18:29:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا، مېھمانلار «دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى جۇڭگو ئارمىيەسى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى جۇڭگو ئارمىيەسى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە 11-فېۋرال ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى.

كۆرگەزمە «ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش»، «خەلقئارا دېڭىز ئۈستى يولىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش»، «خەلقئارا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش» ۋە «بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش» قاتارلىق تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان. 17 كۆرگەزمە تاختىسى، 60 نەچچە پارچە سۈرەت، ئالمىشىپ قويۇلغان خەنزۇچە- ئىنگلىزچە قوش تىللىق قىسقا سىن قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرى جانلىق بايان قىلىنىپ، جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ تىنچلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى ئەينەن خاتىرىلىنىپ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەن سەمىمىيىتى ۋە ياخشى نىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 

«دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يولىدىكى جۇڭگو ئارمىيەسى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى