قالتىس ھۈنەر! چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى قولى چاققان قىز
0
2019-02-13 15:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

سۆز قىلىش مۇھىتى مۇرەككەپ، ئادەم كۆپ، گەپ قىلىشى تېز

«چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى»دىكى ئېتوتلارنىڭ ئېكران خېتىنى تېز كىرگۈزمەك ئەڭ قىيىن

2014-يىلى، سۈن سىچى تېز خاتىرىلەش كەسپىگە كىرگەن، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن تېز «قول سۈرئىتى»گە تايىنىپ، 2017-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا مەلۇم تېز خاتىرىلەش شىركىتىگە يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، تېز خاتىرىلىگۈچى بولۇپ ھەر خىل چوڭ تىپلىق يىغىن، پائالىيەتلەرنىڭ تېز خاتىرىلەش خىزمەتلىرىنى قىلغان.

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ تىل تۈرىدىكى نومۇرلارنىڭ ئېكران خېتىنى دەل ۋاقىتتا كىرگۈزۈش كېرەك بولغانلىقتىن، بۇ سۈن سىچىگە نىسبەتەن چوڭ رىقابەت ھېسابلانغان.

سۈن سىچى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «تېز خاتىرىلەش خىزمىتىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بىۋاسىتە تارقىتىلىدىغان پىروگراممىلارنىڭ ئېكران خېتىنى كىرگۈزۈش، ئادەتتىكى خىزمەت جەريانىدا ئۈنگە ئېلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ خېتىنى تېز بېسىش بىر قەدەر ئوڭاي، چاغانلىق كېچىلىكنىڭ ئېكران خېتىنى كىرگۈزۈش ئادەتتىكى خىزمەتلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، سۈرئەت تەلەپ قىلغاندىن سىرت، يەنە خاتا خەت بولماسلىقى كېرەك بولۇپ، روھىي كەيپىيات يۇقىرى دەرىجىدە جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ».

تېز خاتىرىلىگۈچىگە نىسبەتەن، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئېتوتلارنىڭ تىل مۇھىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھېسابلىنىدۇ، ئادەممۇ كۆپ، قىلىنغان گەپلەرمۇ تېز، توختىماي قۇر ئالماشتۇرىدىغان بولۇپ، تېز خاتىرىلىگۈچىلەرنى ئىنتايىن سىنايدۇ.

بۇ يىل چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئېكران خەتلىرى تېز كىرگۈزۈش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كېيىن تېلېۋىزوردا كۆرۈنگەن، بۇ ئۆچ ئۆتكەلنىڭ پەقەت ئون سىكۇنت ئەتراپىدىلا كېچىكىش ۋاقتى بار بولغاچقا، سۈن سىچى چوقۇم ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن خەتنى توغرا كىرگۈزۈپ، سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈشكە يوللىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالسا، پۈتۈن كېچىلىكتىكى نومۇرلارنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.

بىر تەرەپتىن خەۋەر ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن تېز خاتىرىلىگەن

مىنۇتىغا 400 خەت باسالايدىغان بولغان

سۈن سىچى ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ مىنۇتىغا 400 خەت باسىدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكى توغرىسىدا، مەكتەپتىكى ھالىتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 30 مىنۇتلۇق خەۋەرلەر پىروگراممىسى ئاۋۋال سىنغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ھەسسىلەنگەن سۈرئەت بىلەن قويۇلىدۇ، بۇ خىل خەۋەر قويۇلۇش شەكلىنى ئادەتتىكى ئادەملەر كۆرەلمەيدۇ، لېكىن بىزدەك تېز خاتىرىلەش كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ ئادەتتىكى ئىشلار ھېسابلىنىدۇ. تېز خاتىرىلەشنى مەشق قىلىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ساۋاقداشلىرىم بىلەن ھەر كۈنى مۇشۇنداق تېز سۈرئەتتە ئوقۇلىدىغان خەۋەرلەر پىروگراممىسىنى ئاڭلاپ، تېز خاتىرىلەپ مەشىق قىلاتتۇق. ئەڭ يۇقىرى چەكتە كۆرۈپ تېز خاتىرىلەشنى مەشق قىلىش ئۈچۈن، بىز يەنە (ئون قۇرنى بىرلا قېتىمدا كۆرۈپ خاتىرىلەش) ئۇسۇلى بىلەن گېزىتلەردىكى ئۇزۇن ماقالىلەرنى بېسىپ مەشق قىلاتتۇق».

سۈن سىچى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىنمۇ، ھەر كۈنى ئۇخلىغان ۋە تاماق يېگەن ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئۈن ھۆججەتلىرىنى ئاڭلاپ، ماتېرىيال كۆرۈپ، توختىماي خەت باسىمەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە دائىم كۆزۈمنى قارا لاتا بىلەن ئېتىۋېلىپ تۇرۇپ تېز خاتىرىلەشنى مەشىق قىلىمەن، بۇنىڭدىكى سۈرئىتىم مىنۇتىغا 350 خەتتىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.

قالتىس ھۈنەر! چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى قولى چاققان قىز
640.webp (1).jpg
企业微信截图_20190204133129.png