چاغانلىق كېچىلىكنىڭ سەنئەت نومىرلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
0
2019-02-04 14:49:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئېلنۇرە رەھىمبەگ

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى بۈگۈن كەچتە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ 

بۈگۈن چاغان ھارپىسى، 2019-يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى بۈگۈن كەچتە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، كېچىلىكنىڭ سەنئەت نومىرلىرى تىزىملىكى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى.

2019-يىللىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە ماقالىسىنى يازغۇچى چىن شىنمېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىك يېڭىلىق ۋە خۇشاللىقتىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭىلىق دېگىنىمىز نومىرلارنىڭ يېڭى بولۇشىدا گەۋدىلىنىدۇ، خۇشاللىق بولسا خۇشال-خۇرام كەيپىيات يارىتىشقا قارىتىلغان بولۇپ، بارلىق نومۇرلار تاماشىبىنلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

2019-يىللىق چاغانلىق كېچىلىكنىڭ ناخشا-ئۇسۇل نومىرلىرىنىڭ رېژىسسورى شيا يۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى چاغانلىق كېچىلىكنىڭ ناخشا-ئۇسۇل نومىرلىرىدا دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىلىپ، توردا «بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر»،«ۋەتىنىم بىلەن بىللە» قاتارلىق چاغانلىق كېچىلىكتە ئېيتىلىدىغان ناخشىلارنىڭ ئالدىن نەشر قىلىنغان نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، رىتىمى يېقىملىق، سۆزلىرى راۋان.

شيا يۈ يەنە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى كېچىلىكتىكى ناخشىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭى تاراتقۇنىڭ تارقىتىش ئالاھىدىلىكى ئويلىشىلدى، سەككىز پېشقەدەم سەنئەتكار بىر قىسىم ياش ناخشىچىلار بىلەن مەن ۋە ۋەتىنىم دېگەن ناخشىنى بىللە ئېيتىشقا چاغانلىق كېچىلىك سەھنىسىگە تەكلىپ قىلىنىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا تەقدىم قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئېتۇت تۈرىدىكى تېمىلار رېئال تۇرمۇشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان بولۇپ، ئېتۇت ئارتىسى سەي مىڭ،  گې يۇ، پەن چاڭجياڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «ئوغلۇم كەلدى» دېگەن ئېتۇتنى ئورۇنلايدۇ.

بۇ يىل چاغانلىق كېچىلىك مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزىلىدىغان تۇنجى چاغانلىق كېچىلىك بولۇپ، تۇنجى قېتىم 4K  يۇقىرى سۈزۈكلۈك دەرىجىسىدە بىۋاسىتە تارقىتىلىپ، 5G تورىدا تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ھەمدە قىزىل بولاق، مەزمۇن جەھەتتە ئۆز-ئارا پىكىرلىشىشتە ئىجادىي ئۇسۇل قوللىنىلىپ، كېچىلىككە خۇشاللىق ئاتا قىلىندى، سەمىمىي تىلەكلەر بىلدۈرۈلدى.

企业微信截图_20190204133129.png
چاغانلىق كېچىلىكنىڭ سەنئەت نومىرلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
1413624012.jpg