چاغاندا بۇ ئۈچ نەرسىڭىزنى ھەرگىز خالىغانچە ئارىيەت بەرمەڭ
0
2019-02-03 15:55:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

چاغان كەلدى، دوست- بۇرادەرلەر بىرگە يەرگە جەم بولغاندا ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان ئەھۋاللاردىن خالاس بولغىلى بولمايدۇ، بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قىسمەن نەرسىلەرنى باشقىلارغا خالىغانچە ئارىيەت بېرىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن، كىملىك، يان تېلېفون، ئاپتوموبىل دېگەندەك، ھەر قانچە ياخشى، يېقىن دوستىڭىز ئارىيەت ئالماقچى بولسىمۇ، چوقۇم ئېھتىياتچان بولمىسڭىز بولمايدۇ، ھەرگىزمۇ كىچىككىنە يۈز ئابرۇينى دەپ، ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىككە قېلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

1.كىملىك

كىملىكنى باشقىلارغا خالىغانچە ئىشلىتىشكە بېرىپ تۇرۇشقا بولامدۇ؟ بۇنىڭدا قانداق خەتەر يۈز بېرىشى مۇمكىن؟

ئاھالىلەر كىملىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇرمۇشتا ھېچنېمە ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. مەسىلەن، كىملىك بىلەن ئىناۋەتلىك كارتا، يان تېلېفون كارتىسى، ئاپتوموبىلنى رەنىگە قويۇپ قەرز بېجىرگىلى بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، باشقىلار ئارىيەت بېرىلگەن كىملىكنى ئىشلىتىپ، ناچار خاتىرە پەيدا بولۇپ قالسا، بارلىق مەسئۇلىيەتنى كىملىكنى ئارىيەت بەرگۈچى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

 

كىملىكنى ئارىيەت بېرىپ تۇرۇشتا نۇرغۇن يوشۇرۇن خەۋپلەر مەۋجۇت، مەسىلەن، باشقىلار سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ئىشلىتىپ، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشى، ئاپتوموبىلنىڭ نامنى ئۆتكۈزىۋېتىشى، شىركەت قۇرۇپ رويخەتكە ئالدۇرۋېلىشى مۇمكىن، ناۋادا ئىناۋەتلىك كارتا يامان غەرەزدە قەرز قىلىۋېتىلسە، ئاپتوموبىل ھادىسىگە ئۇچراپ قانۇنىي ماجرا كۆرۈلسە، شىركەت قەرز بولۇپ ۋەيران بولسا، كىملىكنىڭ ئەسلى ئىگىسى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايدۇ، مال -مۈلۈك زىيانغا ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئېھتىماللىقىمۇ پەيدا بولىدۇ.

ئاھالىلەر كىملىكى قانۇنىنىڭ 16-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: كىملىكنى ئىجارىگە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەن، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرگە ج خ ئورگانلىرى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ھەمدە 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋەت قىلىنغان بولسا، قانۇنسىز تاپاۋەت مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ھەق تەلەپ مەسئۇلىيىتىگە كەلسەك، ناۋادا ئارىيەت ئالغۇچىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كىملىكنى ئارىيەت بەرگەنلەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا» ھەق- تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ رەت قىلماسلىققا تەۋە بولغان ئەھۋالدا تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ناۋادا ئارىيەت ئالغۇچىنىڭ كارتا بېجىرىش ھەرىكىتىدىن خەۋەرسىز بولسا، ئۇنداقتا كارتا بېجىرگۈچىنىڭ ۋاكالەتچىلىك قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، بۇ باشقىلارنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ھەق- تەلەپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەۋە، شۇڭا شۇ كىشى ئۆزى قەرز قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

شۇڭا كىملىكنى ئارىيەت بېرىش قانۇنسىز قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ نامۇۋاپىق ۋە قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىنىپ، پايدا -زىيان مۇناسىۋىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراپ، شۇ ئادەم ئۆزى تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدىغان، ئامانلىق ساقلاش بويىچە جازاغا ئۇچرايدىغان ئەھۋال پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ئۆزىڭىزنىڭ جازاغا ئۇچرىشىدىن، باشقىلارنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كىملىكنى ھەرگىز ئارىيەت بەرمەڭ~

2. يان تېلېفون

يان تېلېفون كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان قورال، بەزىدە يان تېلېفونىنى ئۇنتۇپ قالغان كىشىلەرگە يان تېلېفونىمىزنى ئىشلىتىشكە ئارىيەت بېرىپ تۇرساق بولامدۇ؟

يان تېلېفوننىڭ بارغانسېرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، يان تېلېفوننىڭ ئىقتىدارلىرىمۇ كۆپەيدى، كىشىلەر يان تېلېفونىغا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ساقلايدىغان بولدى، مەسىلەن، پاراڭلىشىش خاتىرىسى، ئېستېمال خاتىرىسى، سۈرەت، سىنلىرى دېگەندەك. ناۋادا يان تېلېفونىڭىزنى باشقىلارغا ئارىيەت بېرىپ تۇرسىڭىز، باشقىلار بىلەپ -بىلمەي سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈپ قېلىشى ياكى ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر قىسىم مۇھىم ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باشقىلار سىزنىڭ يان تېلېفونىڭىزدا ناچار مەزمۇندىكى ۋىدىيولارنى، سۈرەتلەرنى كۆرۈشى ياكى چۈشۈرۈپ قويۇشى، ناچار مەزمۇندىكى تور بېكەتلەرنى ئېچىپ قويۇشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا يان تېلېفونىڭىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، ھەتتا مال -مۈلكىڭىز زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا، كۆچمە چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن، يان تېلېفون كىشىلەرنىڭ 2-ھەميانى بولۇپ قالدى، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يان تېلېفونىڭىزنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىغا پۇل ئاغدۇرۋېلىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.

ئارىيەت بەرمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا خەتەردىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

ناۋادا دوست -بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ يان تېلېفونى يىتىپ كېتىپ ياكى باشقا ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، ئارىيەت بەرمىسڭىز بولمايدىغان ئەھۋالدا، قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ باشقىلار يان تېلېفونىڭىزنى ئارىيەت ئالماقچى بولسىڭىز، چوقۇم زىيادە ھوشيار بولمىسڭىز بولمايدۇ، چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، مال -مۈلۈككە چېتىلىدىغان مەشغۇلاتلارنى كۆزىتىپ تۇرىشىڭىز كېرەك.

ناۋادا ئۇزاق مەزگىل باشقىلارغا ئارىيەت بېرىش توغرا كەلسە، يان تېلېفوننى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئىچىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى پاكىز يۇيىۋېتىش كېرەك. ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، نىمكەش يان تېلېفون بولسىمۇ، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى چوقۇم تولۇق بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئارىيەت بېرىش كېرەك.

3. ئاپتوموبىل

يېقىنلىرىڭىز ئاپتوموبىلىڭىزنى ئارىيەت ئالماقچى بولسا قانداق قىلىسىز؟ بېرىش كېرەكمۇ -يوق؟ ھادىسە چىقسا كىم ئىگە بولىدۇ؟ ئاپتوموبىلى بارلار چوقۇم ئاپتوموبىلنى ئارىيەتكە بېرىش توغرىسىدا تەڭقىسلىقتا قېلىشتەك ئەھۋالغا ئۇچراپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقىلارغا خالىغانچە بېرىپ تۇرغاندا قانۇن جەھەتتە نۇرغۇن خېيىم -خەتەرلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالماي بولمايدۇ. ھادىسە كۆرۈلگەن ھامان ئاپتوموبىلنى ئارىيەت بەرگۈچى تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

بىرىنچىدىن، ئاپتوموبىل ھادىسىگە ئۇچرىسا، ئاپتوموبىل ئىگىسى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

«يول قاتناش ھادىسىسى زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھات»نىڭ 1-ماددىسىدا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەنگەن: ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، زىيان كۆرۈلسە، ئاپتوموبىل ئىگىسى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئاپتوموبىلنى ئارىيەت ئالغۇچىنىڭ تۆلەم تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، ئاپتوموبىل ئىگىسى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈسىگە ئالىدۇ. ئاپتوموبىلنى دوستىڭىزغا ئارىيەت بېرىپ، قاتناش ھادىسىسى پەيدا بولۇپ، ئادەم يارىلىنىش، ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە ياكى باشقا ئاپتوموبىل، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر زىيانغا ئۇچرىسا، مۇناسىپ ھالدا تۆلەم تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز، ناۋادا، ئاپتوموبىلنى ئارىيەت ئالغان دوستىڭىز ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى تەرەپ بولسا، ئەمما ئۇنىڭ تۆلەم تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇنداقتا سىز (ئاپتوموبىل ئىگىسى) سۇرغۇرتىدىن سىرت تۆلەم ۋە رېمونت ھەققىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز!!!

شۇڭا ئاپتوموبىلنى ئارىيەت بېرىش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى، ھادىسە كۆرۈلگەن ھامان نۇرغۇن ۋاقىت، زېھىن، پۇل زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىلنى ئارىيەت ئالغۇچى ۋە ئارىيەت بەرگۈچى چوقۇم ئوبدان ئويلىشىشى كېرەك.

دوست -بۇرادەرلەر ئاپتوموبىلنى ئارىيەت ئالسا، خەتەردىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

1. ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش: ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ تورمۇزى، چىرىغى، بالونى قاتارلىقلاردا بىخەتەر يۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان كاشىلىلارنىڭ بار -يوقلىقىنى تەكشۈرۈڭ، ئامراق ئاپتوموبىلىڭىزنى كاشىلا ھالەتتە يولغا ھەيدەپ چىقىشتىن ساقلىنىڭ. ناۋادا ئاپتوموبىل ئۇزاق ۋاقىتقىچە رېمونت قىلىنماي، ئاسراشقا بېرىلمەي يوشۇرۇن خەۋپ بولۇش ئېھتىماللىقى بولسا ئارىيەت بەرمەڭ.

2. پىراۋىنى تەكشۈرۈش: دوستىڭىزنىڭ قانۇنلۇق پىراۋىسى بار -يوقلىقىنى، پىراۋىسىنىڭ سىزنىڭ ئاپتوموبىلىڭىزنى ھەيدەشكە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ، موتوسكلىتنىڭ پىراۋىسى بىلەن پىكاۋىڭىزنى ئارىيەت ئالسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ.

3. ئادەمنى تەكشۈرۈش: ئاپتوموبىلىڭىزنى ئارىيەت ئالغۇچىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىيەلەيدىغان-ھەيدىيەلمەيدىغانلىقىنى، ھاراق ئىچكەن- ئىچمىگەنلىكىنى، سالامەت ياكى ئەمەسلىكىنى، روھىي ھالىتىنىڭ جايىدا ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈڭ. ناۋادا ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى ئۈستەلگە ياكى باشقىلار ئاسانلا ئېلىۋالالايدىغان جايغا خالىغانچە تاشلاپ قويسىڭىز، ياخشى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماسلىق تۈپەيلى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.

ئاپتوموبىلنى چوقۇم ئادەمگە قاراپ، ئىشەنچلىك ئادەمگە ئارىيەت بېرىش كېرەك، شۇندىلا خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ، ھادىسە كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، قارشى تەرەپ ئاخىرغىچە مەسئۇل بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئۈچ نەرسىنى ھەرگىز خالىغانچە ئارىيەت بەرمەڭ، كىچىككىنە يۈز ئابرۇينى دەپ، باشقىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماي قېلىشتىن ساقلىنىڭ!

 

企业微信截图_20190204133129.png
چاغاندا بۇ ئۈچ نەرسىڭىزنى ھەرگىز خالىغانچە ئارىيەت بەرمەڭ
1413624012.jpg