بالىلار ۋاگونى تەسىس قىلىنامدىكەن؟
0
2019-02-03 15:50:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

پويىزغا چىققاندا سىز ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىش قايسى؟ كۆپىنچە تورداش پويىزدا كەپسىز بالىلارغا ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن، دېدى. بىر تورداش تېخى پويىزدا ئۆزى ئۇچرىغان كەپسىز بالا توغرىسىدىكى ئىشنى ئېيتىپ بەردى: ئۇ سائەت قانچىدە ئۇخلىسا مەنمۇ شۇنچىدە ئۇخلايتتىم، ئۇ سائەت قانچىدە ئويغانسا مەنمۇ شۇ ۋاقىتتىلا ئويغىنىپ كېتەتتىم، ئۇ كەپسىز بالا ۋاگون ئىچىدە توختىماي يۈگۈرەيتتى، مومىسىمۇ ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بەرگەنىدى، بۇ بالىنىڭ پويىزغا چىققاندىكى خوشاللىقىنى، مومىسىنىڭ نەۋرىسىگە ئامراقلىقىنىمۇ توغرا چۈشەندىم، بىراق ئۇلارمۇ باشقىلارنى چۈشىنىشى كېرەكتە، مەن پويىزدا ئۇخلىيالماي بەك قىينىلىپ كەتتىم. تورداشلارنىڭ يۇقىرىقى مەزمۇندىكىدەك پىكىرلىرىمۇ خېلى كۆپ ئىدى.

تورداشلار پويىزدا ئايرىم «بالىلار ۋاگونى» سەپلەنسىكەن دېدى. يېقىندا تورداشلارنىڭ پويىزدا ئايرىم «بالىلار ۋاگونى» سەپلەنسىكەن دېگەن پىكرىگە قارىتا جۇڭگو تۆمۈر يولى باش ئىدارىسى يولۇچىلارنى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ شىن مۇنداق دېدى: تورداشلارنىڭ بۇ پىكرى تولىمۇ ئىجادچانلىققا ئىگە ئىكەن، تورداشلارنىڭ، يولۇچىلارنىڭ بىزگە تېخىمۇ ياخشى پىكىر، تەكلىپلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىمىز، كەپسىز بالىلارنى بىر ۋاگونغا يىغىش كېرەكمۇ دېگەن بۇ سۇئالغا مېنىڭچە بارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى دۇچ كېلىدۇ، يەنە بەزىلەر كىنو كۆرۈشكە، مۇزىكا ئاڭلاشقا ئامراق كىشىلەرنى بىر ۋاگونغا يىغىش تەكلىپىنىمۇ بەردى، بۇ تەكلىپلەر ئاممىۋى قاتناش تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە زور ئىلھاملارنى بېرىدۇ، شۇنداقلا ئاممىۋى قاتناش ترانسىپورتىنىڭ مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەتراپلىق قىلىشىغا يېڭى رىقابەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ياخشى بولغان سەپەرگە چىقىش مۇھىتىنى ھەممەيلەن بىرلىكتە يارىتىمىز، شۇنداقلا يولۇچىلارنىڭ مەدەنىي سەپەرگە چىقىپ، گۈزەل سەپەر مۇھىتىنى بىرلىكتە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg
بالىلار ۋاگونى تەسىس قىلىنامدىكەن؟