شى جىنپىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا بېيجىڭ گارنىزون رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى
0
2019-02-03 15:40:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

چاغان يېتىپ كېلەي دېدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ گارنىزون رايونىغا مەخسۇس كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بەن، پەيلەرگە بېرىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاراۋۇللۇق ئورۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىسىمدىكى ئوفېتسىر ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى بارلىق كوماندىر جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفېتسىر ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى.

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى پايتەخت بېيجىڭ قويۇق بايرام تۈسىگە كىرگەن ئىدى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:15 مىنۇت ئۆتكەنلەردە شى جىنپىڭ گۇگۇڭ خان سارىيىنىڭ باش دەرۋازىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئۆيلەرگە جايلاشقان دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتىگە كەلدى، جەڭچىلەر مەشق مەيدانىدا بايراق قوغدىغۇچىلار سېپى ھەرىكىتى ۋە بايراق ئېچىش، يىغىش مەشقى قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆرگەندىن كېيىن ئوفېتسىر ئەسكەرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتى بايراق چىقىرىشنى كۆرسەتتى، بايراق چىقىرىشنىڭ بارلىق جەريانلىرى توغرا، راۋان، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك بولدى، شى جىنپىڭ مەمنۇنلۇق نەزىرى بىلەن كۆرۈپ، كۆپچىلىكنى ئاساسى ماھارەت مەشقىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت بايرىقىنى قوغداش بۇرچىنى ياخشى ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ ئەسكەرلەرنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھە ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەچتە بىر يوتقان بىلەن توڭلايدىغان-توڭلىمايدىغانلىقىنى سورىدى، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارغا ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفېتسىر ئەسكەرلەرنىڭ غېمىنى يەپ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تاپىلىدى، دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتى شەرەپ ئىشخانىسىدا شى جىنپىڭ دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

شى جىنپىڭ گازارما تېمى ئالدىدا كۆپچىلىك بىلەن بىرگە خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى، جەڭچىلەر شى جىنپىڭنى ئورىۋېلىشتى، بۇ يەر بەخت خۇشاللىق، كەيپىياتىغا تولدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى مۇھىم دۆلەت مۇراسىمى، سىلەر بۇرچۇڭلارنى ئېسىڭلاردا مەھكەم ساقلاپ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق دۆلەت بايرىقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشىڭلار كېرەك، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قىشتا سىرتتا ھاۋا سوغۇق بولىدىغانلىقى، سوغۇقتىن ساقلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئىسسىق تۇتۇشنى تاپىلىدى.

شى جىنپىڭ دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتىدىن يېنىپ، ياردەم بېرىش، كاپالەتلىك قىلىش چوڭ ئەترىتى مۇھاپىزەت ئىشلىرى بىرىنچى ئوتتۇرا ئەترىتىگە كەلدى، ئۇ قىسىمنىڭ قورال-جابدۇقلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇھاپىزەت ئىشلىرى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئوتتۇرا ئەترەت كۇلۇبىدا جەڭچىلەر چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاۋاتاتتى، شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، جەڭچىلەر ئۆزى يېزىپ، ئۆزى ئورۇندىغان «جاڭ سىدېنىڭ ئىزباسارلىرى» دېگەن خورنى زور قىزىقىش بىلەن ئاڭلىدى ھەمدە باشلامچىلىق بىلەن قىزغىن چاۋاك چالدى، شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: قىسىمىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىدە جەڭچىلەر، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت يىنىك چەۋەندازلار ئەترىتىنى ياخشى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفېتسر ئەسكەرلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك، شاڭشى يۈەن ۋېنكۈي نەق مەيداندا بەخت دېگەن خەتنى يېزىپ، شى جىنپىڭغا سوۋغا قىلىپ، جەڭچىلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا بولغان چاغانلىق ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى، ئاندىن شى جىنپىڭ جەڭچىلەرنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ مەشغۇلات ئۆيىگە كىرىپ، ئوچاق ئالدىغا بېرىپ، ئادەتتە تاماقنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، چاغان ھارپىسىلىق تاماقنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى سورىدى، شى جىنپىڭ قىسىمغا جەڭچىلەرنىڭ بايراملىق تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى خۇشال-خۇرام، بەختلىك، بىخەتەر بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى تاپىلىدى.

گارنىزون رايونى ئۇرۇش قىلىش نۆۋەتچىخانىسىدا شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ مۇھاپىزەت قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە ۋىدېيو سىستېمىسى ئارقىلىق ئوفېتىسر ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 1-ئاۋغۇست بىناسىنىڭ جەنۇبىي ئىشىكىدىكى قاراۋۇللار بىلەن سۆزلەشتى، قاراۋۇللارغا يۈكسەك ھوشيارلىقىنى ساقلاپ، زىممىسىدىكى بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشىنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ بىرىنچى سەپنىڭ گارنىزون تەرتىپ ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۇلارنى قانۇن ئىجراسىغا مۇلازىمەت قىلىش فۇنكىسيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ئوبرازىنى، ھەربىيلەرنىڭ ئوبرازىنى ياخشى قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن شى جىنپىڭ بېيجىڭ پىشقەدەم كادىرلار پائالىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بالدۇرراق تاماملاشقا تىرىشىشنى تەلەپ قىلدى، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پىشقەدەم كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، پىشقەدەم كادىرلارغا ياخشى غەمخورلۇق قىلىپ، ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، مەن بارلىق پىشقەدەم كادىرلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەيمەن.

شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە گارنىزون رايونى ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار، قاراشلىق قىسىمدىكى شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار، ئىشتاتلىق تۇەن دەرىجىلىك مەسئۇل كادىرلارنى قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

شى جىنپىڭ شۇنىڭدىن كېيىن گارنىزون رايونىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ گارنىزون رايونى پايتەختنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەت مەركىزى، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىۋاسىتە تۇتۇپ تۇرغان بىر مۇھىم كۈچ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىشنى مەركەز قىلىپ، مۇھاپىزەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، گارنىزون رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، باشتىن-ئاخىرى پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشەنسە بولىدىغان قىسىم بولۇش كېرەك، سادىق بولۇپ، قىسىمىنى ئىدىيە ۋە سىياسى جەھەتتىن قۇرۇش ۋە ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قىسىمنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىنى قەتئىي بويسۇنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مۇھاپىزەت، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىپ، مۇھاپىزەت نىشانىنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇشىغا، قىلچە خاتالىق چىقماسلىقىغا، پايتەختنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قاتتىق تۇتۇپ، ئۆزلۈك ئىنقىلابى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسىم ئىستىلىنى تۈپتىن ياخشىلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئۈزلۈكسىز نۇرلاندۇرۇش كېرەك، ئاساسنى پۇختىلاش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، قىسىمنى قاتتىق تەربىيەلەپ ۋە باشقۇرۇپ، دائىملىق، ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك پۇختا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شۈ چىلياڭ، جاڭ يۇشيا، ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

1124081360_15491156949761n.jpg
شى جىنپىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا بېيجىڭ گارنىزون رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى
1413624012.jpg