ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى
0
2019-01-24 12:42:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

1- ئاينىڭ 23-كۈنى، ۋېنېسۇئېلانىڭ كاراكاستا، ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو ( ئوتتۇرىدا ) ئاممىۋى يىغىلىشتا سۆز قىلماقتا. ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو تۈنۈگۈن مۇنداق جاكارلىدى: ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى رەسمىي ئۈزدى. مادۇرو شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاممىۋى يىغىلىشتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋېنسۇئېلانىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز سىياسىي قۇتراتقۇلۇق قىلغاچقا، ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈشنى قارار قىلدى.

ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى