شى جىنپىڭ كۇرس باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى
0
2019-01-22 10:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ زور خەۋپ-خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش، ھەل قىلىش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنى باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى

ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ زور خەۋپ-خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش، ھەل قىلىش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ۋە ئېلىمىز ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىقتا دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ كۇرس باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭلار كۇرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى قەتئىي، كۈچلۈك بولماقتا، پۈتۈن پارتىيەدە «تۆت ئاڭ»، «تۆت ئىشەنچ»، «ئىككىنى قوغداش» كۆرۈنەرلىك كۈچەيمەكتە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ۋەزىيىتى پائال ساغلام ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ئىقتىساد مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى ساقلىماقتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جۇشقۇن كۆرەش ئىرادىسىنى ساقلىماقتا، جەمئىيەت ئومۇمىيلىقى مۇقىم بولماقتا.

شى جىنپىڭ سۆزىدە سىياسى، ئىدېئولوگىيە، ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، جەمئىيەت، تاشقى مۇھىت، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى زور خەۋپ-خەتەرلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇرەككەپ، سەزگۈر ئەتراپ مۇھىتى، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ھەم «قاراقۇ» ۋەقەسىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇشىمىز، ھەم «سۈر كەركىدان» ۋەقەسىدىن ساقلىنىشىمىز؛ ھەم خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىمىز، ھەم خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇشىمىز؛ ھەم خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەييارلىقى بار جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز، ھەم خەۋپ-خەتەرنى ئامانلىققا، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدىغان ستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكار جەڭنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداش ھەققىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكىرىنىڭ كۈچلۈك ئورنىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تورنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىپ، تورنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ياش بىر ئەۋلادلارغا بولغان ئىدىيەۋىي سىياسى خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋىي سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋىي سىياسىي خىزمەتنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بارلىق ياشلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تىكلەشكە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئومۇمەن ياخشى، ئەمما ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچى شارائىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات مۇساپىسىدا قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا يولۇقۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇقىملىق ئىچىدە ئۆزگەرمەكتە، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئەندىشە تۇغۇلماقتا، بىز ھەم ئىستىراتېگىيەلىك كۈچىمىزنى ساقلاپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، ھەم كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، توغرا يەكۈن چىقىرىپ، ئىقتىساد ساھەسىدە كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان زور خەتەرگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

جايلار ۋە تارماقلار مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن خەۋپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، رېتىم ۋە كۈچنى ياخشى ئىگەللىشى كېرەك. ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم لايىھەسىنى مۇقىم يولغا قويۇشى، بازار پىسخىكىسىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا بولغان تەسىرىنى باھالاشنى ياخشى قىلىپ، كۆزلىمىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ماھىر بولۇشى، بازارنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەشنى، نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى، ئوتتۇرا كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، ئىش ئورنىنى مۇستەھكەملەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مۇردا كارخانىلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى باشلاش، يولغا قويۇش، خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، بازارنى تازىلاشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بېسىلىپ قالغان نۇرغۇن مەبلەغنى ئېلىپ چىقىش كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، پۇل-مۇئامىلىنى، تاشقى سودىنى، تاشقى مەبلەغنى، مەبلەغ سېلىشنى، كۆزلىمە خىزمەتنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ خەۋپسىزلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق تەقسىملىنىش تەكرارلىنىش، پەن-تەتقىقات كۈچى تارقاق بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى گەۋدىسىنىڭ ئىقتىدار، خاراكتېرى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈم مېخانىزمىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. زور يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى ۋە يىراقنى كۆرەر ئورونلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتلىك تەجرىبىخانىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانا سىستېمسىنى قايتا تەشكىللەپ، زور يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش سەھنىلىرىنى بەرپا قىلىپ، كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ماس قەدەملىك يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ كېرەك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك زور پەن-تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەشكىللەشنى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكا خەۋپسىزلىكى ئالدىن سېگنال بېرىش نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۈنىي ئەقلىي ئىقتىدار، گېن تەتقىقاتى، داۋالاش، دىئاگنوز قويۇش، ئاپتوماتىك ھەيدەش، ئادەمسىز ئۇچقۇ، مۇلازىمەت ماشىنا ئادىمى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى قوغداشتا، خەۋپسىزلىكنى، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش دورا، سەھىيە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش، تۇرالغۇ ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ كونتىرول قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە زەربە بېرىشنى ئىككىلا قولدا چىڭ، تېز تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئاممىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادى دېلولاردا زىيانغا ئۇچرىغان ئاممىغا قارىتا جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەربە بېرىش بىلەن خېيىم-خەتەرنى تۈگىتىش، مۇقىملىقىنى قوغداشنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنسىز مال ۋە چېتىشلىق كىشىلەرنى كونتىرول قىلىش، مۈلۈكنى قايتۇرۇپ كېلىش، تەربىيە قىلىش، نەسىھەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش، مۇشتۇمزورلارنى تازىلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۆرۈشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇشتۇمزورلارنى تازىلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىشكە مۇناسىۋەتلىك زور دېلولار، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى، ئارقىسىدىكى مۇناسىۋەت تورى، مۇھاپىزەت كۈنلۈكىنى قەتئىي قويۇپ بەرمەي چىڭ تۇتۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە كۈچ چىقىرىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىستىرىئولۇق، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش ئالدىنى ئېلىش، كونتىرول قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە بولغان يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئامانلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجتىمائىي تەڭكەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى مەنبىيىدىن ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر تېز ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يەر شارىدا داۋالغۇش مەنبىيى ۋە خەتەر كۆپۈيۈپ قالدى، ئېلىمىزنىڭ تاشقى مۇھىتى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن. بىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەم مۇقىم نۇقتىنى مەركەز قىلىشىمىز، ھەم ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەتەرنىڭ بىرلىشىپ كېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك، چەتئەلدىكى مەنپەئەتىمىزنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چەتئەلدىكى زور تۈر ۋە خادىملار، ئاپپاراتلارنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشمىز، «بىر بەلباغ بىر يول»نىڭ خەۋپسىزلىك كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇق، خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات مەنپەئەتىمىزنى قەتئىي قوغداپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتۇق؛ بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىزنىڭ خاتىرجەم بولساق بولىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پارتىيە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش، بازار ئىگىلىكى، تاشقى مۇھىت سىنىقى ئۇزاق مەزگىللىككە ۋە مۇرەككەپلىككە ئىگە؛ پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدارسىزلىق خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق-چىرىكلىك خەۋپى ئىنىچكىلىككە ۋە كەسكىنلىككە ئىگە، بۇ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن چىقىرىلغان زور ھۆكۈم. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر تۆت ئاڭنى كۈچەيتىشى، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىشى، ئىككىنى قوغدىشى كېرەك؛ ئىدىيە سىياسىي ۋە ھەرىكىتىدە ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا؛ بىزنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات ئىشلىرىمىز قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئىگىلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا، شۇڭا بۇ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، جاسارەتلىك-ياراملىق، ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان كادىرلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە تېخى تەلتۆكۈس غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمىدۇق. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ۋە مۇرەككەپ، قىلچە يول قويماسلىق ئىرادىسىدىن ھەرگىزمۇ تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، چىرىكلىككە زەربە بېرىش سالمىقىنى قىلچە ئازايتقىلى بولمايدۇ، چوقۇم مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئەبەدىي كۈرەشنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى؛ كۆپچىلىك، مەسئۇلىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ۋە ئوبدان ئىشلەش كېرەك. خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دائىم ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، دائىم ۋەزىيەت ئۈستىدە ئويلىنىپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنى ئىلمىي ئالدىن كۆرۈپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش كېرەك. خەۋپ-خەتەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇرەككەپ ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، مۇھىم جاينى چىڭ تۇتۇپ، سەۋەبنى توغرا تېپىپ، كەسكىنلىك بىلەن تەدبىر بەلگىلەپ؛ ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىنى تەشكىللەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش، ئىلمىي رەتكە سېلىش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار نەزەرىيە جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ماركسىزم ئاساسىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ؛ دېئالىكتىك ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ئىگىلەپ ۋە سىڭدۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ؛ مۇرەككەپ زىددىيەت داۋامىدا قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز توپلاپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشكە ماھىر بولۇش لازىم. خەۋپ-خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرگە ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمى، تەدبىر خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش ھەمكارلىق مېخانىزمى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر دەرىجىلىكنى بىر دەرىجىلىك باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتلاممۇ-قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشتە باتۇرانە كۈرەش قىلىش روھى بولۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇشى؛ ياش كادىرلار زور كۈرەش داۋامىدا مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە رەھبىرىي كادىرلار كۈرەش تەجرىبىسىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ، كۈرەش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئەگرى-توقايلىقتىن چوڭ يولنى تېپىپ چىقىپ، جاپا مۇشەققەتنى يېڭىدىغان قەيسەر ئىرادە بىلەن ھەر بىر مەيدان زور خەۋپ ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى ئەمەلىي ياخشى ئىشلەش لازىم.

لى كېچياڭ كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىستىراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئېلىمىز دۇچ كەلگەن خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى؛ زور خەۋپنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش شەرھىلەندى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ بۇ كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ؛ تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتا دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ؛ سىياسىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ؛ سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ؛ زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، دادىل ئۈستىگە ئېلىپ؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەم مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ ئەزالىرى كۇرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئارمىيەنىڭ ھەر قايسى چوڭ ئورۇنلىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى كۇرس باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد، ئادىل ئابلەت 

1124021712_15480799307461n.jpg
شى جىنپىڭ كۇرس باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى
1124022396_15480785011801n.jpg
1124003829_15477079840751n.jpg