لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى
0
2019-01-21 11:11:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچاڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى» توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا يەتتە ۋەكىل سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىلقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، يەنىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

نىڭبو شەھىرىدىكى نوتتىنھام داشۆسىدىن ياڭ فۇجيا، چىڭخۇا داشۆسىدىن شۆ جىكۇنلار كۆپ خىل تىپتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللىشىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىجادكارلىق ئىقتىدارىنى قوزغاپ، ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، قىيىن تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

جۇڭگو گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىدىن ۋاڭشۇ ھۈنەر-سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا، جۇڭگو رادىيو سەنئەت ئۆمىكىدىن فېڭ گۇڭ جەمئىيەتنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دىدى: جەمئىيەتنى تۈزەشتە ھەم قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەم مەدەنىيەت ۋە ئەخلاقنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەر ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، ھۈنەرۋەن مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشى كېرەك.

بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىدىن نى شىن بالىلار سوزۇلما كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، جەمئىيەتنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ ئالاقىدار تارماقلارنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىشقا تاپىلىدى. جۇڭگو قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش كوماندىسىدىكى ۋۇدا جىڭنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قارىتا، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەييارلىق كۆرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلىمىزنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جىلىننىڭ شۇلەندىكى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچى سەي شۆ تەكلىپ بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دىدى: يېزا ئىگىلىكىگە مەدەت بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى، داڭلىق ماركىلارنى قوغداپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. دېھقانلارنىڭ پۇل تېپىشى، تاپىدىغان پۇل بولۇشى، پۇل تاپالىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ يېزا بىپايان زېمىنىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا مەدەت بېرىش لازىم.

سۈن چۈنلەن، خۇ چۇنخۇا، ليۇ خې، شياۋ جيې، خې لىفېڭلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

 

1124003829_15477079840751n.jpg
لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى
1123999899_15476409017331n.jpg
1123998196_15476186772771n.jpg