مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
0
2019-01-17 10:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل، ئىمىنجان

شى جىنپىڭ مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ خۇشال-خۇرام ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

مەركەز سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ جەمئىيەتنى تۈزەشنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، سىياسىي-قانۇن ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق ئېچىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ؛ سىياسىي خەۋپسىزلىك، جەمئىيەت ئامانلىقى، خەلقنىڭ ئەمىنلىكىنى قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا ئېلىمىزنىڭ سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەر ۋە سىياسىي قانۇن كادىر ساقچىلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى سىڭدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىياسىي قانۇن كادىر ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى تۈزەشتە خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەن يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ؛ ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىدا؛ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جەمئىيەتنى تۈزەش يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قۇرىماس بۇلىقى قىلىش لازىم. ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋە ئەدلىيە سالمىقىنى زورايتىپ، ئاسماننى تېخىمۇ كۆك، سۇنى تېخىمۇ سۈزۈك، ھاۋانى تېخىمۇ ساپ، يېمەكلىكنى تېخىمۇ بىخەتەر، قاتناشنى تېخىمۇ راۋان، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق تەرتىپلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەتنى تۈزەشنىڭ ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەت ماسلىشىش، ئامما قاتنىشىش، قانۇنچىللىق بىلەن كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھىرلىنىدىغان جەمئىيەتنى تۈزەش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بايلىق كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ؛ مەسىلىلەرنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش، خىزمەتنى ھەمكارلىشىشپ قىلىش، ئامانلىقنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. جايلار، تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئامانلىق قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە ئامانلىقىنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. مەھەللىلەرنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۈنۈمگە ئىگە يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەۋى تەربىيە، ئەخلاقىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ؛ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى باھالاش، تەقدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە توغرا كەيپىيات ۋە ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلغۇچىلارنى شاد-خۇراملىققا چۆمدۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلەتمەسلىكىمىز لازىم. ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئاپتونومىيە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر يېزا ئاممىسى، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان جەمئىيەتنى تۈزەش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. جەمئىيەت پىسخىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە يېتەكلەش مېخانىزمى، كىرىزىسقا ئارىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ؛ ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ئۆزىگە ئىشىنىش، ئىدراكى مۇلايىم بولۇش، يېقىن دوست بولۇش ئىجتىمائىي روھى ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، ئىستېرېئولاشقان، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قارا ۋە رەزىل كۈچلەر جەمئىيەتتىكى ئۆسمە بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئېغىر بۇزىدۇ؛ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى چىرىتىدۇ. ئۈچ يىللىق نىشاننى بوشاشتۇرۇپ قويماي، باسقۇچ ۋە ساھەلەرگە بۆلۈپ تەدبىر چارىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى تەڭشەپ، كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى قارا رەزىللىككە چېتىشلىق چوڭ دېلولارنى چىڭ تۇتۇش، قارا رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى، كەينىدىكى مۇناسىۋەت تورى، مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە قارىتىپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە ئۇزاق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكىلەر تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۆسۈش خاراكتىرلىق يېڭى نەتىجىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماسلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىياسىي-قانۇن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكىسىيە سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشى ۋە سەرخىللاشتۇرۇشى كېرەك. سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى تەقسىماتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ماسلىشىشى كۈچلۈك، چەكلىمىسى ئۈنۈملۈك خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فۇنكسىيە تەقسىماتى، ئاپپارات تەسىس قىلىش، خادىملار شتاتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ھەرىكىتىنى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشى كېرەك. ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدلىيە خادىملىرىنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش، دېلولارنى ياخشى بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئەدلىيە سۈپىتى، ئۈنۈمى، ئاممىۋىي ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. دىققىتىنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزمەسلىك ھەتتا قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ئەدلىيە چىرىكلىكىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاددىي دېلولارنى ئايرىش، يېنىك-ئېغىر دېلولارنى ئايرىش، تېز-ئاستا دېلولارنى ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن ئەدلىيە خىزمىتىنىڭ يۇغۇرۇلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى زور مىقداردىكى جامائەت مۇلازىمىتى فۇنكىسىيەسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى تەڭپۇڭ بولغان، قولاي ئۈنۈملۈك بولغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەل جايىدا بولغان جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. «كىنىشكىلەرنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش» ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، رايون ھالقىغان دېلو دەۋا مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋا ئىشلىرىنى رايون ھالقىپ يىراقتىن بېجىرىش، قاتلام، دەرىجە ھالقىپ بىرلىشىپ بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا جايدا دەۋا قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادۋۇكات، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى، ئەدلىيەلىك باھالاش، كېسىم، ئەدلىيە ئورنى، خەلق مۇرەسسەسى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمەت بايلىقىنى تېزدىن بىرىكتۈرۈپ، ھەممە كەسىپنى قاپلىغان، پۈتۈن زامان، ماكان قانۇن مۇلازىمىتى تورىنى تېزدىن بەرپا قىلىشى كېرەك. چەتئەللەردىكى خەۋپسىزلىكنى قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەللەردىكى ئاپپاراتلىرى، خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشى لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي قۇرۇلۇشنى بايرىقى روشەن ھالدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، كادىر-ساقچىلارنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق چۈشىنىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش لازىم. سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى دادىللىق بىلەن پىچاق بىسىنى ئىچىگە قارىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، ئاممىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەرەزلەرنى قەتئىي تازىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكىلەر كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇشى كېرەك. كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش، ئەمەلىي ئىشلىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈم يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي قانۇن كادىر ساقچىلىرىنىڭ قانۇن-سىياسەت قوللىنىش ئىقتىدارى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، پەن-تېخنىكا قوللىنىش ئىقتىدارى، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي-قانۇن قوشۇنى تىنچ يىللاردا ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان، قۇربان بولغانلار ئەڭ چوڭ قوشۇن. مۇشۇنداق ئالاھىدە قوشۇنغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، سىياسىي جەھەتتە ئىلھاملاندۇرۇش، خىزمەتتە رىغبەتلەندۈرۈش، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىش، ئادىمىيەت جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىش، ھەر خىل ئاماللار بىلەن تۈرلۈك ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كادىر-ساقچىلارنى بىخەتەر، خاتىرجەم خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي قانۇن رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتلىرى خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش، سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش مۇھىتى يارىتىشقا قويۇپ، سىياسىي نازارەت قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ھەيدەكچىلىك قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىستىلىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈزۈم-مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغ پىلان تۈزۈپ بەردى، ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ،«تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى تىرىشىپ قوغداپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى-ھەققانىيىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، مەركەزدىكى ھەرقايسى سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار چوڭ كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر، ئارمىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون شەكلىدە ئېچىلدى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

 

1124003829_15477079840751n.jpg
1123999899_15476409017331n.jpg
مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
1123998196_15476186772771n.jpg