شىنجاڭدا ئاز كۆرۈلىدىغان ئاسترونومىيەلىك ھادىسە كۆرۈلدى
0
2019-01-15 18:56:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

كېچىدىكى چىراغ تۈۋرۈكى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاجايىپ ئاسترونومىيەلىك ھادىسە كۆرۈلگەن، بۇ خىل ھادىسە بەكلا ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ، گۈزەللىك دەرىجىسى قۇتۇب نۇرىدىن قېلىشمايدىكەن، قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئالتايدا «قەھرىتان كېچىدىكى چىراغ تۈۋرۈكى» دەپ ئاتىلىدىغان ئاجايىپ ھادىسە كۆرۈلگەن بولۇپ، ڢوتوگراڢ بۇ كۆرۈنۈشنى سىنغا ئېلىۋالغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئاسترونومىيەلىك ھادىسە كۆپىنچە ئېلىمىزدىكى شىلىنخوت، گېنخې، چوڭ ھىنگان تېغى قاتارلىق رايونلاردا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، يەر يۈزىدىكى رەڭدار نۇرلار مۇز كىرىستالىنىڭ سۇندۇرۇشى ئاستىدا بۇلۇتقا قادىلىپ، بۇ خىل ھادىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

فڢوتوگراڢنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ خىل ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسىنى ئاساسەن ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىكەن، ھازىرغا قەدەر جۇڭگودىكى تەخمىنەن 10 رايوندا مۇشۇ خىل ھادىسە كۆرۈلگەن.

شىنجاڭدا ئاز كۆرۈلىدىغان ئاسترونومىيەلىك ھادىسە كۆرۈلدى
1124021712_15480799307461n.jpg