ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەڭدار شاجۇ كەنتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 16:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۈننەن، خۇبېي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ خەلقنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى مىليونلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى. چاغاندا، بۇ جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى قانداق ئۆتتى؟ قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى؟ چاغان مەزگىلىدە، ئىستانسىمىز «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىزلىرى» ماۋۇزلۇق يۈرۈشلۈك خەۋەرنى ئالاھىدە پىلانلاپ، باش شۇجى ئۆتكەن بىر يىلدا خىزمەت تەكشۈرگەندە غېمىنى يېگەن ئاشۇ كىشىلەر ۋە ئىشلارنى قايتا زىيارەت قىلىپ، بىزگە باش شۇجىنىڭ خەلققە باغلىغان رىشتىسىنى ھېس قىلدۇردى. بۇ يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ «رەڭدار شاجۇ كەنتى» دېگەن قىسمى.

خۇنەن ئۆلكىسى رۇچېڭ ناھىيەسى ۋېنمىڭ ياۋزۇ يېزىسى شاجۇ كەنتىدە، ھەر يىلى چاغاندا، ھەممە ئائىلىلەر سىبا سوقۇپ، گۈرۈچ توقىچى پىشۇرىدۇ. كەنتتە كەسىپلەر گۈللىنىپ، كىشىلەرنىڭ روھىي كۆتۈرەڭگۈ بولدى، بۇ يىل چاغان ناھايىتى قىزىپ كەتتى.
كەنت ئاھالىسى جۇ شياۋخۇڭ ئاچقان «شاجۇ يەرلىك تاماقلار ئاشخانىسى»دا، ئۇ ئايالى بىلەن بىكار تۇرمىدى. چاغاندىن بۇرۇن سېتىۋالغان ھەر خىل يېمەكلىكلەر ئاشخانىغا لىق تولدى. بۈگۈنكى كۈندە، «شاجۇ يەرلىك تاماقلار ئاشخانىسى» نۇرغۇن ساياھەتچىلەر جەزمەن كېلىدىغان ئاشخانىغا ئايلاندى.

2020-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاجۇ كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، «يېرىم يوتقاننىڭ ئىللىقلىقى» ناملىق مەخسۇس كۆرگەزمىخانىغا كىرىپ، شۇ جاينىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قىزىل ساياھەت ۋە قىزىل تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. جۇ شياۋخۇڭنىڭ مومىسى شۈ جيېشيۇ دەل «يېرىم يوتقان» ھېكايىسىنىڭ باش قەھرىمانى ئىدى. باش شۇجىنىڭ كېلىشى بىلەن شاجۇ كەنتىنىڭ داڭقى چىقتى، جۇ شياۋخۇڭنىڭ يەرلىك تاماقلار ئاشخانىسىنىڭ سودىسى تېخىمۇ قىزىپ كەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاجۇ كەنتىدە ئارقا-ئارقىدىن «يېرىم يوتقاننىڭ ئىللىقلىقى» مەخسۇس كۆرگەزمىخانىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت مەيدانى، قىزىل ئارمىيە مەيدانى، شاجۇ يېزا-قىشلاق ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت مەنزىرىگاھلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى كەينى-كەينىدىن قۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، قىزىل مەدەنىيەت-ساياھەت مەنزىرىگاھىغا ئايلاندى. شاجۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇ شياڭچۈن تونۇشتۇرۇپ، 2020-يىلى ئاران 500 نەچچە نوپۇسى بار بۇ كىچىك تاغلىق كەنت بىر يىلدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى دېدى.

مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنىڭ گۈللىنىشى يەنە شاجۇ كەنتىنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. كەنت ئاھالىلەرنىڭ بىكار تۇرغان يەرلىرى بىلەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرزنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، 1500 مولۇق شاجۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، سېرىق زەنجىۋىل، ئالۇچا قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇردى. تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى جاڭ يۇفا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بازىدىن ياخشى ھوسۇل ئالدۇق، مەن ھۆددىگە ئالغان 300 مودىن ئارتۇق يەردىكى ئالۇچىدىن 900 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، پاي قوشقان دېھقانلارنى ھەميېنى تومپايغان ھالدا چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم. بۇنىڭدىكى سىر-يېشىل ئېكولوگىيە يولىدا ماڭغانلىقىمىزدا.

شاجۇ كەنتى قىزىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېشىل تەرەققىياتنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، يەنە تۇتاشما قەدىمىي تۇرالغۇلار، قەدىمىي ئىبادەتخانىلارنى قوغداپ، يۇرتنىڭ قىياپىتىنى ساقلاپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىكار تۇرغان قەدىمىي ئۆيلەر يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلارنى تىجارەت سورۇنى بىلەن تەمىنلىدى، كەنتتىكى قەھۋەخانا، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دۇكانلىرىمۇ تەدرىجىي كۆپەيدى. شاجۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇ شياڭچۈن قىزىل، يېشىل، قەدىمىي رەڭ قاتارلىقلاردىن مۇجەسسەملەنگەن رەڭدار شاجۇ كەنتىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق دېدى.




审稿:艾斯哈尔
翻译:阿布都拉

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەڭدار شاجۇ كەنتى

باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن