ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:34

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-فېۋرال نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نىگېرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ھەمكارلاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن نىگېرىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى داۋاملىق ياخشى راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ھەقىقىي ئاشۇرۇلدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو نىگېرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك قېرىنداشلىق ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-نىگېرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بۇخارى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى نۇرلاندۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

بۇخارى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىگېرىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئىشىنىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە غايەت زور مەنپەئەت يەتكۈزدى. نىگېرىيە جۇڭگونىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ساھەلەردە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، جۇڭگو نىگېرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، نىگېرىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى. دۇنياۋى زور خىرىس ئالدىدا، نىگېرىيە بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشتا چىڭ تۇردى. نىگېرىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تەڭ تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-فېۋرال نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.