ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جايلارنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە رىغبەتلەندۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-17 16:13

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ئالدىغا قويۇلغان يېشىل تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تومۇرى، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلەشنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جياڭسۇغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى چىقاردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى.

باش شۇجى مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سېلىنمىسى ئورۇنسىز سېلىنما، ئۈنۈمسىز سېلىنما بولماستىن، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنما.

باش قىش مەۋسۇمىدا، جەنۇبىي تەيخۇ كۆلى ساھىلىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرى ۋۇشىڭ رايونى جىلى بازىرى يىگاۋ كەنتىنى سەيلە قىلغاندا، تاش تاختا ياتقۇزۇلغان رەتلىك، پاكىز كەنت يولى، پاكىز، سۈزۈك دەريا سۈيى كىشىگە ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ. 2014-يىلىدىن باشلاپ، يىگاۋ كەنتى ئىشنى «سۇنى تۈزەش»تىن باشلاپ، ئەسلىدىكى جەمئىي 18.9 كىلومېتىرلىق دەريا يولىنى تۈزەپ، ئوڭشاپ، راۋانلاشتۇردى. 2016-يىلى 11-ئايدا، ئاساسلىقى خۇجۇغا جايلاشقان تەيخۇ كۆلىدىكى لۇگاڭ پورتى دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. يىگاۋ كەنتى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بۇ ۋەقەنى كەنت ئېغىزىدىكى ئابىدىگە ئويۇپ قويدى.

سۇ-تەيخۇ كۆلى ئەتراپىدىكى سۇ يۇرتى كەنتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى، لېكىن سۇ يەنە ئىلگىرى مۇھىتنى تۈزەشتىكى قىيىن نۇقتا ئىدى. مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يىگاۋ كەنتىنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنىڭ تىجارىتى تېز ئېشىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار قىممەتلىك بايلىققا ئايلاندى.

خۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شياۋخۇي مۇنداق دېدى: خۇجۇ شەھىرى يېڭى تارىخىي باشلانمىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يېشىللىققا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، مۇلازىمەتچىلىكنى يېڭىلىق يارىتىپ يېتىلدۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەنىڭ سالمىقى ۋە تەرەققىياتنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى ۋۇنىڭ ناھىيەسى لوپىڭ بازىرىنىڭ چاڭشۈي كەنتىدە، كەنتتىكىلەر «ئېكولوگىيە ھېساباتى» قىلىپ، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنىڭ پايدىسىنى كۆردى.

جيۇجياڭ شەھەرلىك دەريا بويىنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ بىن مۇنداق دېدى: بىز ئەسلىدە پەقەت ئىقتىسادىي ھېساباتنىلا قىلاتتۇق، ھازىر ئېكولوگىيەلىك ھېسابات، ئىجتىمائىي ھېسابات، ئۇزاق مۇددەتلىك ھېسابات قىلىدىغان بولدۇق. بۇ-دەل يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جيۇجياڭ شەھىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان 400 دىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رەت قىلىپ، 53 كۆلەملەشكەن دەرياغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بىلەن تولۇق قاپلاپ، دەريا بويىدىكى بىر كىلومېتىر دائىرىدىكى كىچىك خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى تۈرگە ئايرىپ «تاقاش، توختىتىش، قوشۇۋېتىش، يۆتكەش، كۆچۈرۈش»نى يولغا قويدى؛ دەريا بويىدىكى تەرەققىيات بوشلۇقىنى پورت ئىقتىسادى، رەقەملىك ئىقتىسادنى باشلامچى قىلغان گۈللەنمە كەسىپلەرگە قالدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىشىشىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈردى.

باش شۇجى مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىچىلار بېيىغاندىن كېيىن، ئەخلاقلىق، ئىقتىدارلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئائىلە، دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالدىن بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جامائەتچىللىك ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشى كېرەك.

رەتلىك كەنت تۇرالغۇلىرى زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان، ئىككى قىرغاق چىرايلىق گۈللەر ۋە يېشىللىققا پۈركەنگەن شەنچۈەن دەرياسىنى بويلاپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ نەزىرىدە، جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭيىن شەھىرى جۇجۇاڭ بازىرى شەنچۈەن كەنتى «بەخت بۇلىقى ئېقىپ تۇرىدىغان باغچىلاشقان كەنت». ئەمما، ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، يەتتە تەبىئىي كەنت، 1200 دىن ئارتۇق ئائىلە، 300 مودىن ئارتۇق ئېتىزلىق ۋە نەچچە ئون بوياقچىلىق زاۋۇتى بار شەنچۈەن كەنتى 47 مىليون يۈەن قەرزگە بوغۇلغان ئىدى. شەنچۈەن كەنتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دىڭ ياڭ مۇنداق دېدى: شەنچۈەن كەنتىدىكى يىپيېڭى ئۆزگىرىش-پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشى، يېتەكلىشى، ئالدىن بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا تۈرتكە بولۇشنىڭ پايدىسىدىن بارلىققا كەلدى.

نەنتۇڭ شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ساۋ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: بىز تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئائىلە، دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جايلارنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە رىغبەتلەندۈردى

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ئالدىغا قويۇلغان يېشىل تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تومۇرى،