ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گانا زۇڭتۇڭى بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-05 17:37

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى گانا زۇڭتۇڭى ئاكۇفو ئاددو بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گانا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-گانا ھەمكارلىقىدا ئومۇميۈزلۈك راۋاجلانغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو گانانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان قېرىنداشلىق ھېسسىياتىنى گەۋدىلەندۈردى. مەن جۇڭگو-گانا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئاكۇفو ئاددو بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى نۇرلاندۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدا، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

ئاكۇفو ئاددو تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئىنكرۇما، رەئىس ماۋ زېدۇڭ، زۇڭلى جۇ ئېنلەي قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى گانا-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلغان ۋە يېتىشتۈرگەن. 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمى تىنچ، ئادىل، باراۋەر خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە كۈچ چىقاردى. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو گانانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ ۋە قوللاپ، خەلقئارانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. گانا خەلقئارانىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ گانا زۇڭتۇڭى بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى