ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن خوڭسېن ئۆزئارا خەت ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-04 18:21

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى خوڭسېن ئۆزئارا ئاغزاكى خەت ئەۋەتتى.

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېنغا ئاغزاكى خەت ئەۋەتتى. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقى پەيتىدە، رەئىس ئەپەندى مەخسۇس خەت يېزىپ، ئۆزىڭىز ۋە كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو كامبودژا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇيىڭىز ۋە قارىشىڭىزنى ئىپادىلىدىڭىز، مەن بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمەن. 

جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى قوشنىلار، ياخشى ھەمراھلار. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن كامبودژا بىر-بىرىنى قوللاپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى ھەمدە باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. رەئىس ئەپەندى  يۇقۇم ئېغىر بولۇۋاتقان پەيتتە جۇڭگوغا مەخسۇس زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقى ۋە مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن رەئىس ئەپەندى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلەر ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن. 

مەن پادىشاھ سىخامونى ۋە باش ۋەزىر خۇڭسېن باشچىلىقىدىكى پادىشاھلىق ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە كامبودژانىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى قۇرۇلۇشىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىشىنىمەنكى، رەئىس ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە كامبودژا دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا چوقۇم يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ ھەمدە رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ. 

خۇڭسېن بۇنىڭدىن ئىلگىرى شى جىنپىڭغا يازغان خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ توغرا تەرەققىيات لۇشيەنىدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە، بولۇپمۇ باش شۇجىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنى كۈنسېرى ئۆسۈپ، زور يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. ئۆتكەن يىلى جۇڭگو 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، بۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە ئاپپاراتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو يۇقۇمغا ۋە يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن خەلقئارا تەسىرگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئۈلگىلىك رول ئوينىدى. 

مەن كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم دوستلۇق ئورناتقانلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ تەرەققىي قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، كامبودژا خەلق پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقى، ئىككى پارتىيەنىڭ ھەرقايسى دەرىجىلىك ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى كۆپىيىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە باش شۇجى ئالىيلىرىنىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن خوڭسېن ئۆزئارا خەت ئەۋەتتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى خوڭسېن ئۆزئارا ئاغزاكى خەت ئەۋەتتى.