ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:15

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان بىردىنبىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىرى. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقى باشتىن-ئاخىر بۇزۇلماي ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ كەلدى، جۇڭگو-پاكىستان ھەمكارلىقى باشتىن-ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو پاكىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有