ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئاۋمېندىكى ياشانغانلارغا جاۋاب خەت يازدى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:白合提尔·艾拉提|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-07 16:58

شى جىنپىڭ ئاۋمېندىكى پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارغا چۇڭياڭ بايرىمىلىق بەخت تىلىدى

جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاۋمېن قوشنىلار باش جەمئىيىتى يىجۈن مەركىزى ياشانغانلار خالىسانە ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكى 30 ياشانغان كىشىگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى كۆرۈپ، 10 يىلنىڭ ئالدىدا ئاۋمېندا كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەندىكى مەنزىرىنى ئەسلىدىم، سىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىپ، تۇرمۇشىڭلارنى مەنىلىك، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقىنىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو بىلەن دەۋرداش بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر دۆلەتنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئاۋمېندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى باشتىن كەچۈردىڭلار. سىلەر جۇڭگولۇق بولغانلىقىمىزدىن چىن كۆڭلىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، دېدىڭلار، ئىشىنىمەنكى، بۇ ئاۋمېندىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ يۈرەك ساداسى. سىلەرنىڭ ياشانغاندىمۇ رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق نۇر چېچىپ، ئاۋمېندىكى ياشلارغا ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپرەك سۆزلەپ، ئۇلارنى ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈش روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئاۋمېننى بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاۋمېن قوشنىلار باش جەمئىيىتى يىجۈن مەركىزى 2007-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، كەسپىي ياشانغانلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى. 2009-يىلى 1-ئايدا، ئەينى چاغدىكى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، بۇ مەركەزگە كېلىپ ياشانغانلارنى سەمىمىي يوقلىغانىدى. يېقىندا يىجۈن مەركىزى ياشانغانلار خالىسانە ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكى 30 ياشانغان كىشى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有