\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ سادىق 10 نەپەر پۇتبولچى، مالدىنى بىرىنچى ئورۇندا

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-18 10:17


كەسپىي ھاياتىدا پەقەت بىرلا كوماندىدا توپ تېپىش ئاڭلىماققا ناھايىتى ئاسان بولسىمۇ، ئەمما ئەمىلىيەتتە ئۇنداق قىلىش ئىنتايىن قىيىن، لېكىن پۇتبول ساھەسىدە كۆپلىگەن پۇتبولچىلار پۈتكۈل كەسپىي ھاياتىنى بىرلا كوماندىغا ئاتىغان، تاراتقۇلارمۇ پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ سادىق 10 نەپەر توپچىنى باھالاپ چىققان بولۇپ، ئۇنداقتا قاراپ باقايلى سىزنىڭچە يەنە كىملەر بۇ باھالاشتىكىلەر ماھىرلار ئورنىدا تۇرۇشقا ماس كېلىدۇ؟

2019091718245351191.jpg

1-مالدىنى: (AC مىلان) ئۇنىڭ «قىزىل قوشۇن»دىكى ھاياتى ئۆزىگە ئوخشاش AC مىلاننىڭ سادىق مەستانىلىرىگە «بەش قول»دەك ئايان، بۇ ھەقتە ئارتۇق توختۇلۇش ھاجەتسىز، كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يەنىلا AC مىلان كۇلۇبىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدا خىزمەت قىلماقتا. 1985-يىلى بىرىنچى ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان مالدىنى تاكى 2009-يىلى كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانغا قەدەم «قىزىل قارا قوشۇن»دا توپ تەپكەن، AC مىلان ۋە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ قوش كاپىتانى.

2-زانېتتى: (خەلقئارا مىلان) زانېتتى كەسپىي ھاياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەندىن كېيىن 1995-يىلى خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن بۇيان تاكى 2013/2014-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانغا قەدەر خەلقئارا مىلان كوماندىسىدا توپ تەپكەن، ئۇ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن خەلقئارا مىلان كۇلۇبى ئۇنىڭ تۆتىنچى نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنىمۇ تەڭ چېكىندۈرگەن، ھازىر زانېتتى خەلقئارا مىلان كۇلۇبىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدا خىزمەت قىلماقتا.

3-تېررى: (چېلسى) 1998-يىلى 10-ئايدا ئۆزىنىڭ چېلسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان تېررى، 2017-يىلى 7-ئايغىچە چېلسىدا توپ تەپكەن، ئۇ چېلسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن بېك بولۇپلا قالماي، .ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ماھىرلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.

4-توتتى: (رىم) 1992-يىلى رىم كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چۈشكەن توتتى، 2017-يىلى يازغا قەدەر ئىزچىل رىم كوماندىسىدا توپ تەپكەن، ھەم رىم مەستانىلىرى تەرىپىدىن «رىم شاھزادىسى» دەپ نام بېرىلگەن، نۆۋەتتە توتتى رىم كۇلۇبىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدا خىزمەت قىلماقتا.

5-گىگگىس: (مانچېستېر بىرلەشمىسى) 23 يىللىق كەسپىي ھاياتىنى مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ئۆتكۈزگەن گىگگىس «قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى»دىكى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چۈشكەن ماھىر بولۇپلا قالماي، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ ياردەم پاس بەرگەن ماھىر ھىسابلىنىدۇ، گىگگىس نۆۋەتتە ۋېلش دۆلەت كوماندىسىنى ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

6-بېرنابو: (خانلىق مادرىد) بەلكىم ئىسمىدىنلا بىر نېمىنى بايقىغاندەك قىلدىڭىز چوقۇم، بېرنابو خانلىق مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ سادىق توپچى بولۇپلا قالماي، كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن رەئىسى، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانىنىڭ بېرنابو دەپ ئاتىلىشى بەلكىم ھەممىنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

7-ئادامىس: (ئارسېنال) 1983-يىلى 11-ئايدا ئارسېنالغا ۋاكالىتەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان ئادامىس، 2002-يىلى 4-ئايغىچە ئارسېنال كوماندىسىدا توپ تەپكەن، ئارسېنال تارىخىدىكى داڭلىق توپچىلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ.

8-ياشىن: (موسكۋا دىنامو) 26 يىللىق قاپقىچىلىق ھاياتىنى موسكۋا دىنامو كوماندىسىدا ئۆتكۈزگەن ياشىن، دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق قاپقىچىلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ، دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى مۇكاپاتىنىڭ «ياشىن مۇكاپاتى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ ئۆزىلا بىزگە ئارتۇق سۆزنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

9-پۇيول: (بارسېلونا) 1999-يىلى 10-ئايدا ئۆزىنىڭ بارسېلونادىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان پۇيول، 2014-يىلى 5-ئايغىچە بارسېلونادا توپ تەپكەن، بۇ سابىق كاپىتاننىڭ قانداقلىقىنى بەلكىم بىلمەيدىغانلارمۇ ئىنتايىن ئاز بولسا كېرەك.

10-كېنى: (سان پاۋلو) دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن بۇ قاپقىچى كەسپىي ھاياتىدا 131 توپ كىرگۈزگەن، بىرازىلىيە بىرلەشمىسىدىكى سان پاۋلو كوماندىسىدا 22 يىل توپ تەپكەن بۇ قاپقىچى، 2015-يىلى 12-ئايدا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، بىرازىلىيەدىكى بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە پۇتبولچى ھىسابلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有