ئورگان تورى: نيۇكاستېل كوماندا يۆتكىلىش تارىخىدا رېكورت يارىتىپ گولىنتوننى كوماندىغا قوشۇۋالدى
0
2019-07-24 18:10:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى نيۇكاستېل كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق، خوففىنخام ھۇجۇمچىسى گولىنتوننى كوماندىغا قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىمقى يۆتكىلىش سوممىسى نيۇكاستېل كوماندا تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقان.

گولىنتون نيۇكاستىل كۇلۇبى بىلەن مۇددىتى ئالتە يىللىق توختام ئىمزالىغان بولۇپ، 2025-يىلى يازدا توختام مۇددىتى ئاخىرلىشىدىكەن.

«ئاسمان تەنتەربىيىسى» تاراتقۇسى گولىنتوننىڭ يۆتكىلىش سوممىسىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 مىليون فوندسىتېرلىڭغا يېتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، «BBC» تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە يۆتكىلىش سوممىسى 36 مىليون فوندسىتېرلىڭ دىيىلگەن، مەيلى قايسى تاراتقۇسىنىڭ باھاسى توغرا بولسۇن، يۆتكىلىش سوممىسى ئوخشاشلا نيۇكاستىل كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى كوماندا رېكورتىنى 21 مىليون فوندستېرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن كوماندىغا قوشۇلغان ئالمېرون ياراتقان.

بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن گولىنتون بىرازىلىيەلىك ھۇجۇمچى بولۇپ، 2015-يىلى يازدا ئىككى مىليون 200 مىڭ ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى بىلەن خوففىنخام كوماندىسىغا قوشۇلغان، ئىككى مۇسابىقە پەسلى باشقا كوماندىلارغا ئىجارىگە بېرىلگەن گولىنتون ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى خوففىنخام كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 35 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 11 توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە توققۇز ياردەم پاس بېرىشتەك نەتىجە ياراتقان.

 

未标题-1.jpg