مېنى ھۆرمەتلىمىسەڭمۇ لېكىن جۇڭگونى چوقۇم ھۆرمەتلىشىڭ كېرەك!
0
2019-07-24 18:04:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، كورېيەنىڭ كۋاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە مۇسابىقىسىنىڭ 400 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىز ماھىر سۈن ياڭ ئۈچ مىنۇت 42 سېكۇنت 44 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇ، ئېلىمىز كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالى بولۇپلا قالماستىن، يەنە سۈن ياڭنىڭ دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە مۇسابىقىسى ئەرلەر 400 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇدا 4-چېمپىيونلۇقى ھېسابلىنىدۇ.

ئاۋسترالىيەلىك ماھىر خورتون سۈن ياڭغا يېڭىلىپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەندىن كېيىن، مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىدە مۇكاپات قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپلا قالماي، يەنە تېخى سۈن ياڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشنىمۇ رەت قىلدى. خورتوننىڭ بۇ ئىشىغا نىسبەتەن سۈن ياڭ مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: «ئۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق مېنىڭ مۇسابىقىدە ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرۇشىمغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولدى. بىراق مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمنى ياخشى قىلىۋەردىم. ماڭا قانداق پىكرى بولسا مەيلى، بىراق مۇكاپات تارقىتىش تولىمۇ مۇھىم ئىش، ھەر قانچە رازى بولمىسىمۇ، مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىگە چىققان شۇ دەمدە چوقۇم جۇڭگونى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك! مېنى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، بىراق مەن ئېرىشكەن ئالتۇن مېداللار ئۇلارغا قايتۇرغان ئەڭ ياخشى زەربە».

400 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈشتە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، سۈن ياڭ كۆلچەكتە تۇرۇپ تۆت بارمىقىنى كۆرسەتتى. مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئەركىن ئۈزۈش تارىخىدىكى ئۇدا تۆت قېتىم چېمپىيون بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئەمەلىيەتتە ئىككى كۈندىن بۇيان، بۇ ئىشلارغا ئانچە زەن سېلىپمۇ كەتمىدىم ھەم بەك كۆپ ئويلىغۇممۇ يوق. بۈگۈن كەچتە نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىمەن...» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سۈن ياڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، كەينىگە ئۆرۈلۈپ بىر ھازادىن كېيىن ئاندىن يەنە ئۆرۈلدى. كەينىدىن ئۆزىنىڭ بۇ نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭمۇ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

«رىقابەتچىلىرىم توختىماستىن ئالمىشىپ تۇردى، ھازىر كەڭ كۆلەملىك ماھىر يېڭىلىنىش بولۇۋاتىدۇ. يېڭى ماھىرلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. ۋاڭ شۈن، شاڭ كېيۈەنلەر پېشقەدەم ماھىرلارغا ئايلاندى، قالغانلىرى 2000-يىللاردا تۇغۇلغان ماھىرلار. مېنىڭچە پېشقەدەم ماھىرلارنىڭ بۈگۈنگىچە غەيرەت قىلىشىنىڭ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق.»

سۈن ياڭ يەنە مۇنداق دېدى: «بىزدەك پېشقەدەم ماھىرلارغا نىسبەتەن ئېرىشىشىگە تېگىشلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ بولدۇق، چىققۇدەكلا مۇكاپات تارقىتىش سەھنىلىرىگىمۇ چىقىپ بولدۇق، شۇڭا بىز ھازىر مۇشۇنداق روھىي ھالەتنى، چىدامچانلىقنى ياش تەنھەرىكەتچىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشىمىز كېرەك. مەن ھەر بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ نۆۋەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئويلىغان نەتىجە يارىتىلغان بولسۇن بولمىسۇن، بىزنىڭ ئاخىرقى مۇددىئايىمىز يەنىلا توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش!

 

未标题-1.jpg