باش بەت<<سۈرەت ئامبىرى<<مەنزىرە

مېتېئورولوگىيە، ھاۋارايى ۋە كىلىمات

مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-05-16 12:14

 

‹‹مېتېئورولوگىيە››، ‹‹ھاۋارايى›› ۋە ‹‹كىلىمات››تىن ئىبارەت بۇ ئۈچ سۆزنى كۈندە ئاڭلاپ تۇرىمىز. لېكىن‹‹مېتېئورولوگىيە››، ‹‹ھاۋارايى›› ۋە ‹‹كىلىمات›› نىڭ ئېنىق مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن.

‹‹مېتېئورولوگىيە›› ئاسمان بوشلۇقىدىكى شامال، بۇلۇت، يامغۇر، قار، قىرو، شەبنەم، ھەسەن – ھۈسەن، گەردىش، چاقماق، گۈلدۈرماما قاتارلىق بارلىق ھاۋارايى ئەھۋاللىرىنىڭ فىزىكىلىق ھادىسىسىدۇر.

‹‹ھاۋارايى›› ئىنسانلار پائالىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان پەيتلىك مېتېئورولوگىيە ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەھۋالىدۇر، يەنى ھاۋارايى ئاتموسفېرانىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدىكى ئوچۇق – تۇتۇق، ئىللىق – سوغۇق بولۇشى، شامال كۈچى، شامالنىڭ سۈرئىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بىز ئادەتتە ‹‹بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى بولدى، تۈنۈگۈن ھاۋا بەك ناچار بولدى، بوران – چاپقۇنلۇق كۈن بولدى، يامغۇر ياغدى›› دەيمىز، مانا بۇلار ھاۋارايى بولۇپ، بۇنداق ھاۋارايىنى مېتېئورولوگىيە دېگىلى بولمايدۇ.

‹‹كىلىمات›› پۈتكۈل يەر شارى ياكى مەلۇم بىر رايوننىڭ بىر يىللىق ياكى بىر مەزگىللىك مېتېئورولوگىيە ئەھۋالىنىڭ كۆپ يىللىق ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۇ مەلۇم بىر رايوننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھاۋارايىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ھاۋارايى بىلەن كىلىمات زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەمما ئۇلارنىڭ ماھىيىتىدە پەرق بار. ھاۋارايى تەرتىپسىز، قانۇنىيەتسىز بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نەچچە كۈندىن كېيىنكى ھاۋارايىغا قارىتا ئالدىن مەلۇمات بېرىش نىسبەتەن قىيىن بولىدۇ؛ ئاتموسفېرانىڭ تەركىبى ياكى باشقا ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارىتا ئالدىن مۆلچەرلەش بولسا ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خىل ئەھۋال بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىن مۆلچەرلەش نىسبەتەن ئاسان بولىدۇ.

كېيىنكىسى
新疆风景