باش بەت<<سۈرەت ئامبىرى<<مەنزىرە

مېتېئورىت تاشلار

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-04-15 17:38


1.نامبىيەدىكى خوبا مېتېئورىتى
نامبىيەدىكى خوبا مېتېئورىت ئېغىرلىقى 60 توننا كېلىدۇ، يەر شارىغا چۈشكەن ئەڭ ئېغىر مېتېئورىت تېشى بولغان خوبا مېتېئورىتنىڭ ئېغىرلىقى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئايىر ساك مېتېئورىتنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.بۇ مېتېئورىتنىڭ كۆلىمى 6.5 كۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ،ئېغىرلىقى 60 توننا ئەتراپىدا.خوبا مېتېئورىتىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر ۋە نىكېلنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 84 پىرسەنت ۋە 16 پىرسەنت ئەتراپىدا. گەرچە ئۇنىڭ يەر شارىدا ‹ئولتۇراقلىشىپ› قالغانلىقىغا 80 مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ھازىرغا قەدەر يەر شارىغا چۈشكەن ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ چوڭ تەبىئىي تۆمۈر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مېترو تاش 1920-يىلى بايقالغان.
2.ئارگىنتىنادىكى ئايىرساك مېتېئورىتى
ئارگىنتىنادىكى ئايىرساك مېتېئورىتىنىڭ ئېغىرلىقى 37 توننا، بىر دانە غايەت چوڭ تۆمۈر مېترو تاش يەر شارىغا چۈشكەندىن كېيىن بىر قانچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن شۇنداقلا ئارگىنتىنادا كۆلىمى 60 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان مېترو ئازگىلىنى شەكىللەندۈرگەن. دۇنيا بويىچە ئېغىرلىق جەھەتتە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئايىر ساك مېتېئورىتى بۆلۈنۈپ كەتكەن تۆمۈر مېتېئورىتى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ.كىشلەر بۇ مېتېئورىتنى 1969-يىلى بايقىغان بولۇپ، 4000 يىلدىن 5000 يىلنىڭ ئالدىدا يەر شارىغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن.
3. يورك قولتۇقىدىكى ئانىشىتو مېتېئورىتى
ئانىشتو مېتېئورىت يورك قولتۇقىدا بايقالغان ئەڭ ئېغىر بولغان مېترو تاش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن<<چىدىر>>دەپ ئاتالغان. ئېغىرلىقى 31 توننا بولۇپ، ئۇ ھازىرغا قەدەر كىشىلەر يۆتكەپ ئەكەلگەن ئەڭ ئېغىر مېترو تاش ھېسابلىنىدۇ. 1818-يىلى بۇ مېترو تاشنىڭ چۈشكەنلىكىگە ئائىت خەۋەر تارقالغان بولسىمۇ ئەمما 1894-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئامېرىكا شىمالىي قۇتۇپ تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسى روبىرىت پىلى يەرلىكتىكى بىر يول باشلىغۇچىنىڭ ياردىمىدە بۇ تاشنىڭ ئورنىنى بېكىتكەن.

4.مېكسىكىدىكى باكۇبىتو مېتېئورىتى
مېكسىكىدىكى باكۇبىتو مېتېئورىتىنىڭ ئېغىرلىقى 22 توننا بولۇپ،ئۇ مېكسىكا بويىچە ئەڭ چوڭ مېترو تاش ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا يەر شارىغا چۈشكەن شۇنداقلا ئەڭ تەلەيلىك ئەڭ چوڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەگمە مېترو تاشنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 22 توننا ئەتراپىدا،ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىر كېلىدۇ.ئۇ ھازىر ساياھەتچىلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان ئەڭ چوڭ جايغا ئايلاندى.بۇ مېترو تاش 1892-يىلى بايقالغان.

 5.گېرىنلاندتىكى ئاگپاللىك مېتېئورىتى
گېرىنلاندىكى ئاگپاللىك مېترو تېشىنى 1963-يىلى ۋاگئىن بۇچىۋارد بايقىغان بولۇپ، يورك قولتۇقىدىكى شايەت زور مېترو تاشنىڭ تۆتىنچى ئاساسلىق پارچىسى ھېسابلىنىدۇ.ئاگپاللىك مېترو تېشىنىڭ ئېغىرلىقى 20 تونناغا يەتمەيدۇ، ئۇ ھازىر كوپىنھاگىن يەر سۈپىتى مۇزىيىدا ساقلانماقتا.

6.تانزانىيەدىكى مىڭبوشى مېتېئورىتى
تانزانىيىدىكى مىڭبوشى مېترو تېشىنىڭ ئېغىرلىقى 16 توننا بولۇپ،1930-يىلى بايقالغان، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى بىر پارچە ئىلاھ تاش دەپ قاراپ كەلمەكتە. بۇ تاشنىڭ يەر شارىغا چۈشكىنىگە نەچچە مىڭ يىل بولغان دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

7.ئامېرىكىدىكى ۋېلامۇد مېتېئورىتى
ئامېرىكىدىكى ۋېلامود مېتېئورىتىنىڭ ئېغىرلىقى 15.5 توننا كېلىدۇ، ئۇ ئامېرىكا بويىچە بايقالغان ئەڭ ئېغىر مېترو تاش ھېسابلىنىدۇ،بۇ مېترو تاشنىڭ سىرىتقى يۈزىنىڭ ھەممىلا يېرى ئويمان شەكىلدە بولۇپ، تۆمۈر مىقدارى 91 پىرسەنتنى،نىكېل مىقدارى 7.62 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ.بۇ تاش 1902 -يىلى بايقالغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
新疆风景