باش بەت<<سۈرەت ئامبىرى<<مەنزىرە

تۇمشۇقى ئەڭ چوڭ قۇش

مەنبەسى:     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-30 12:37

 

 

توكاننىڭ تەخمىنەن 40 تىن ئارتۇق تۈرى بولۇپ، ئېمرىكا قىتئەسى ئىسسىق بەلچاغ رايونلىرىغا تارقالغان. پەيلىرىنىڭ رەڭگى ناھايىتى روشەن ھەم ھەرقايسى تۈرلەر ئارا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە تۇكاننىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 سانتىمېتىر، ئەمما تۇمشۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 9 سانتىمېتىر كېلىدۇ،بۇ خىل قۇشنىڭ تۇمشۇقى بەكمۇ يوغان ھەم كەڭ تۇمشۇقى بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئۈچىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. تۇمشۇقىنىڭ سىرتقى يۈزىدە نېپىز بىر قات قاتتىق پوستى بار، ئوتتۇرا قىسمى ئىنتايىن ئىنچىكە، كۆپ تۆشۈكلۇك بۇلۇتسىمان سۆڭەك مەددىسىدىن تەركىب تاپقان بولغاچقا، ئىچىگە ھاۋا تولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يوغان تۇمشۇقى ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلمايدۇ.
توكاننىڭ تۇمشۇقى يوغان بولۇپلا قالماي، رەڭگىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. تۇمشۇقىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى سېرىق، ئازراق ئاچ يېشىل قوشۇلغان؛ ئاستىنقى قىسمى ھاۋا رەڭ، تۇمشۇقىنىڭ ئۇچى قىزغۇچ، ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى كۆك قېشى، سېرىق پوكىنى، قارا دۈمبىسى قوشۇلۇپ، ئۇنى ئىنتايىن كۆركەم كۆرسىتىدۇ. توكاننىڭ باشقا قۇشلارغا ئوخشىمايدىغان غەلىتە ئوزۇق يېيىش ھەرىكىتى بار. ئۇ ئوزۇقنى يېيىشتىن ئىلگىرى تۇمشۇقى بىلەن ئوزۇقنى پارچە - پارچە قىلىۋېلىپ، ئاندىن بىر پارچىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ، ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ، گېلىغا چۈشكەن ئوزۇقنى بىراقلا يۇتۇۋېتىدۇ. توكان مېۋە، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى ۋە ھاشاراتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، بەزىدە كىچىك قۇش ۋە قۇش تۇخۇملىرىنىمۇ ئوۋلاپ يەيدۇ.

توكان دەرەخ ئارىلىرىغا ئۇۋا ياسايدۇ، بىر قېتىمدا 2 ~ 4 كىچە تۇخۇم تۇغىدۇ، 16 كۈن تۇخۇم باسىدۇ، 48 كۈندىن كېيىن چۆجىلىرى مۇستەقىل ياشىيالايدۇ. توكاننىڭ قانىتى قىسقا، يۇمىلاق، قۇيرۇقى ئۇزۇن، ئۇلار دەرەخ ئۇچىلىرىدا توپلىشىپ ياشاشقا ئامراق بولۇپ، توختىماي سايراپ تۇرىدىغان قۇش تۈرىدۇر.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
新疆风景