باش بەت<<سۈرەت ئامبىرى<<مەنزىرە

كۆزى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-30 12:28

 

 

كۆزەينەكلىك مايمۇن كۆزى ئەڭ چوڭ ھايۋان. ئۇلر شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى بەزى ئاراللارغا، يىنى فىللىپپىن، سېلېبېس، بورنېر، سۇماترا قاتارلىق رايونلارغا ماكانلاشقان.

كۆزەينەكلىك مايمۇننىڭ پۇتى ئۇزۇن، گەۋدىسى قىسقا، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەدىنىنىڭ بىر ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. ئۇنىڭ دۈگىلەك بېشىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا يوغان ئىككى كۆزى بولۇپ، كۆزىنىڭ دىئامېتىرى 1.6 سانتىمېتىر كېلىدۇ، خۇددى كۆزەينەك تاقىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇ ھەم بېشىنى ئوڭ-سولغا 180 گرادۇس ئايلاندۇرالايدىغان پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلاردۇر.

كۆزەينەكلىك مايمۇن دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سەكرەپ يۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئارقا پۇتى بەك ئۇزۇن بولۇپ، بارماقلىرىنىڭ ئۇچى كېڭىيىپ پالاقسىمان بولۇپ قالغان، ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن قۇيرۇقى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغۇچ، ھەم يۆلەك بولالايدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى دەرەختە ياشاشقا بەك ماس كەلگەن، كۆپىنچە كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ، ئاساسلىقى ھاشاراتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. كۆزەينەكلىك مايمۇننىڭ بوغازلىق مەزگىلى ئادەتتە ئالتە ئاي بولۇپ، بالىسى پۈتۈن بەدىنى تۈك ھەم كۆزى ئوچۇق ھالدا تۇغۇلىدۇ.

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
新疆风景