باش بەت<<سۈرەت ئامبىرى<<مەنزىرە

ئەڭ ئىگىز ئۇچىدىغان قۇش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئە،مەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-11-27 12:50

 

 

 

ياۋا غاز شىمالىي يېرىم شاردا ياشايدىغان چوڭ تىپتىكى سۇ قۇشلىرىدۇ. ياۋا غازنىڭ كۆچۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر يىلى جەنۇبتىكى مۇقىم ئورنىغا ئۇچۇپ بېرىپ قىشلايدۇ. بەزى ئىلىم ماتېرىياللىرىدا خاتىرىلىنىشچە، ھازىر دۇنيادا ئەڭ ئېگىز ئۇچىدىغان قۇش ياۋا غاز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇچۇش ئېگىزلىكى 10 مىڭ مېتىر ئىكەن. دۆلتىمىزنىڭ غەربىي رايون ئېگىز تاغ كۆللىرىدىكى ياز قۇشلىرى تۈركۈمىدىكى چار باش ياۋا غاز ياۋا غازلار ئارىسىدىكى ئېگىز ئۇچۇش چېمپىيونى ئىكەن. ھەر يىلى يازدا چار باش ياۋا غازلار ھىندىستاندىن ئۇچۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئېگىز چوققا − ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىدىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىدىن ئۆتۈپ، كۆچۈش نىشانى بولغان شىزاڭغا يېتىپ بارىدىكەن. ئالىملارنىڭ ھىندىستاندا بايقىشىچە، تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە چار باش ياۋا غازلار قاناتلىرىنى قېقىپ، بۇلۇت ئۈستىدە پەرۋاز قىلغان. مۆلچەرلىنىشچە، ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇچۇش ئېگىزلىكى 17 مىڭ مېتىرغا يەتكەن. تەڭ تېمپېراتۇرىلىق قاتلامدا بۇ ئېگىزلىكتىكى ھاۋا ئىنتايىن شالاڭ بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتىكى قۇشلار ئۈچۈن بۇ ھالاكەت رايونى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما چار باش ياۋا غاز بۇنداق «ھالاكەت رايونى» دا ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
新疆风景