باش بەت<<سۈرەت ئامبىرى<< پەن-تېخنىكا

شىۋېتسارىيە ھەقىقىي سەزگۈسى بار يالغان قول ياسىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-02-20 12:01

 

 

 

 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېيتسارىيەدىكى بىر دوختۇرخانا يېقىندا بىر تۈرلۈك ئالاھىدە يالغان قول كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغان. ئالاھىدە دېيىشىمىزدىكى سەۋەب بۇ قېتىم كۆچۈرۈلگەن قول يېڭىدىن ياسالغان تەقلىدىي يالغان قول ئىكەن، بۇ قۇل بىمارلارغا ھەقىقىي سېزىمغا ئىگە قىلالايدىكەن.

 

ھازىرغا قەدەر، كۆپلىگەن يالغان قوللار چوڭ مېڭىنىڭ بۇيرۇق سىگنالنى بويىچە بىمارنىڭ كەم قولىنىڭ ھەرىكىتىنى تاماملايدىكەنيۇ چوڭ مېڭىگە سېزىم ئۇچۇرىنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىكەن. لېكىن بۇ يېڭىدىن ياسالغان تەقلىدىي قول ئېلېكتىر قۇتۇپلۇق ئۆزەك بىلەن ئادەم قولىدىكى ئىككى ئاساسلىق نېرۋا سىستېمىسىغا ئۇلىنىپ، بىمارنىڭ خاھىشى بويىچە بۇ قولىنى باشقۇرۇشقا ياردەملىشىدىكەن، شۇنداقلا بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە بۇ قولنىڭ سېزىمىنى قايتۇرىدىكەن.

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
神秘科技