ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۇيۇقسىز يەڭگىگەن ئايال: شامال مېنى ھامىلىدار قىلىپ قويدى!

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-21 09:50

تاراتقۇلارنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەلىك ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يەڭگىگەندىن كېيىن، شامالنىڭ ئۆزىنى ھامىلىدار قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىگىلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 25 ياشلىق بۇ ئايالنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىزلا قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن، ئاندىن بىر شىپاخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، بىراق دوختۇر ئايالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن بۇ ئايالنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ تۇغاي دەپ قالغانلىقىنى بايقىغان.

تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن، بۇ ئايال بىر قىز بوۋاق يەڭگىگەن، دوختۇرمۇ بۇ ئايالنىڭ تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەي يۈرگەنلىكىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان، بۇ ئايالنىڭ «غايىپتىن» ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن بازارغا تارقالغان، دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالا تۇغۇلغانغا قەدەر ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، غەلىتە ھامىلىدار بولۇپ قىلىشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

لېكىن ئايال ئۆزىنىڭ 2020-يىلى 5-ئايدا مېھمانخانىدا دۈم ياتقاندا، تۇيۇقسىز ئاستىدىن شامال كىرگەندەك بولغانلىقىنى، ئارقىدىن قاتتىق ئاغرىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇڭا ئاشۇ قېتىمقى شامالنىڭ ئۆزىنى ھامىلىدار قىلىپ قويغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىش باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۈز بەرگەن، بىر ئەنگلىيەلىك ئايال ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈشى قىلغاندا مەنپىي چىققان، يەنى ھامىلىدار بولمىغان، ئەمما بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىر قىز بوۋاق يەڭگىگەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ قورسىقىمۇ يوغىنىمىغان، ھەقىقەتەن سىرلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۇيۇقسىز يەڭگىگەن ئايال: شامال مېنى ھامىلىدار قىلىپ قويدى!

تاراتقۇلارنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەلىك ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يەڭگىگەندىن كېيىن، شامالنىڭ ئۆزىنى ھامىلىدار قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان.