ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىدىكى قاتتىق سوغۇقتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 47گە يەتتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-20 14:26

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 14-فېۋرالدىن باشلاپ، ئىككى قېتىملىق قىشلىق بوران-چاپقۇندا ئامېرىكىدا ئاز دېگەندە 47 ئادەم قازا قىلغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قاتتىق سوغۇق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. سوغۇق ھاۋا يەنىلا داۋاملاشقاچقا، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ 19-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن ئوخايو ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىغىچە بولغان جايلاردا بىر قىسىم كىشىلەر قاتتىق سوغۇقتا قازا قىلغان. 47 نەپەر قازا قىلغۇچىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكىلى بولمايدىكەن، لېكىن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئاز دېگەندىمۇ 18 ئادەمنىڭ يېشى 50تىن، بەشىنىڭ يېشى 85تىن ئاشقان. قازا قىلغانلارنىڭ ھەقىقىي سانى ھازىرقىدىنمۇ يۇقىرى دەپ قارالغان.

تېكساس ئىشتاتى تايلور ناھىيەسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەمەلدارى رىچ بىشوپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قول ئاستىدىكى ساقچىلار شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى بىر نەچچە كۈن تەكشۈرۈپ، ئۇلارغا يېمەكلىك ۋە سۇ يەتكۈزۈپ بەرگەن، ئاندىن داۋاملىق ئىز قوغلاپ ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان. ھازىر شۇ جايدا ئۈچ ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى بايقالقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كېيىنكى بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە، بىز ھازىر تېخى بىلمەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەھۋاللارنى بايقىشىمىز مۇمكىن.»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىدىكى قاتتىق سوغۇقتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 47گە يەتتى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 14-فېۋرالدىن باشلاپ، ئىككى قېتىملىق قىشلىق بوران-چاپقۇندا ئامېرىكىدا ئاز دېگەندە 47 ئادەم قازا قىلغان