ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«تىرامپ قىمارخانىسى» 30 سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا خارابىلىككە ئايلاندى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-19 10:24

ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان شەھىرىدىكى تىرامپنىڭ قىمارخانىسى پارتلىتىۋېتىلدى، ھىلارى نەق مەيداندىكى سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتقاندا «قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشقان» ئىپادىنى قوشۇپ قويغان.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 17-فېۋرال ئامېرىكا يېڭى جېرسېي ئىشتاتىنىڭ ئاتلانتىك شەھىرىگە جايلاشقان «تىرامپ مەيدانى» قىمارخانىسى پارتلىتىۋېتىلگەن، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى ئالاقىدار خەۋەرلەرنى دەرھال تارقىتىپ، «قول پۇلاڭلىتىپ خوش» دېگەندەك ئىپادە بىلدۈرگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قىمارخانا 1984-يىلى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 نەچچە قەۋەتكە يېتىدىكەن، بىر مەھەل ئاتلانتىك شەھىرىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان قىمارخانىغا ئايلانغان، بىر قاتار ۋەيران بولۇش ئىلتىماسلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تىرامپ 2009-يىلى بۇ قىمارخانا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. 2014-يىلى تاقالغاندا بۇ قىمارخانا پۈتۈن شەھەردىكى ئەڭ ناچار قىمارخانىغا ئايلانغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قىمارخانىنىڭ قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېغىر دەرىجىدە كونىراپ، قىسمەن قۇرۇلۇشلىرىغا چاك كېتىشكە باشلىغان. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇنى «قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان خەتەر» دەپ قارىغان. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، بۇ ئىمارەت كىشىلەر توپىنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە پارتلىتىلغان، پۈتۈن پارتلاش جەريانى 30 سېكۇنتقىمۇ يەتمىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىلارى بۇنىڭدىن خۇشال بولغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىمارەتنىڭ قالدۇق قىسمى 10-ئىيۇندىن بۇرۇن چېقىۋېتىلىدىكەن، شۇ چاغدا ئەسلىدىكى يەرگە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى تەسىس قىلىنىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«تىرامپ قىمارخانىسى» 30 سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا خارابىلىككە ئايلاندى

ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان شەھىرىدىكى تىرامپنىڭ قىمارخانىسى پارتلىتىۋېتىلدى، ھىلارى نەق مەيداندىكى سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتقاندا «قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشقان» ئىپادىنى قوشۇپ قويغان.