ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرامپ ئاخىرى مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مەنبەسى:نۇرتورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-20 10:42

مەيلى قايسى دۆلەتنىڭ تىلىدىكى بۇرۇلۇش رەۋىشى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر (مەسىلەن، بەختكە قارشى، لېكىن دېگەندەك)، بۇلارنىڭ كەينىدە ئىپادىلىنىدىغىنى ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم مۈجمەل ھالدا ئۆزىنىڭ سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
 

ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇنداق دېدى: 2020-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى توغرىسىدا، ھازىر كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىغان بىردىنبىر ئىش شۇكى، چەت ئەل كۈچلىرى ئاساسەن ئارىلىشىپ باقمىدى. بۇ ئېنىقكى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تۆھپىسى. بەختكە قارشى دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى رادىكال سولچىلار ۋە بەزىلەر بەلكىم تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇ ھازىرغىچە تىرامپنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغۇچىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسى ئىكەنلىكىنى ئەڭ سەمىمىي ئىپادىلىشى .لېكىن يەنىلا بىر «بەلكىم» دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويدى ھەمدە تىرامپ ھۆكۈمىتى جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن چەت ئەل كۈچلىرىنى ئارىلاشتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ئاسان قولغا كەلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، دېدى.

تىرامپ بۇ ئۇچۇرنىڭ ئاستىغا «بۇ سايلامدا كۆز بويامچىلىق قىلىشقا ئالاقىدار باياناتتا تالاش-تارتىش بار» دېگەن چۈشەندۈرۈشنى قوشۇپ قويغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر يازمىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېگەن: «بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سايلىمىدا سايلىغۇچىلارنىڭ ئاۋاز بېرىشتە كۆز بويامچىلىق قىلىش قىلمىشى توغرىسىدىكى خەۋەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ».

بۇ خەۋەرنىڭ مەنىسى شۇكى، تىرامپ ئەمدى ئۇتتۇرغىنىڭىزنى ئېتىراپ قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بېلەت تاشلاش، بېلەت ھېسابلاشتا ھېچقانداق مەسىلە يوق.

چەتئەل كۈچلىرىنى ئارىلاشتۇرماسلىققا كەلسەك، ئىلگىرى ئامېرىكىلىقلار بىر قىسىم چەت ئەل كۈچلىرىدىن، مەسىلەن رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلىشىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى.

قىزىق يېرى شۇكى، رۇسىيە تىرامپنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشىنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىدۇ.

شۇڭا، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى بۇ يازمىنىڭ پەقەت يېرىمىلا تىرامپنىڭ راست سۆزى بولۇشى مۇمكىن.


بايدېن بىراقلا توققۇز ئادەمنى مەنسەپكە تەيىنلىدى، ئۇلار ئاساسلىقى ئۇنىڭ سايلام رىقابىتى ئۆمىكىدىن كەلدى


ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى بايدېن 17-چېسلا سايلام رىقابىتى مەزگىلىدىكى يېقىن ياردەمچىسىدىن توققۇزنى ئاق سارايدىكى ھالقىلىق ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بايدېن شۇ كۈنى يەنە ئۆزىنىڭ 13 دۆلەت رەھبىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، دۇنياغا ئامېرىكا قايتىپ كەلدى دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.


رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مەزگىلىدە، بايدېن ئۆزىنىڭ يادرولۇق چەمبىرىكىدىكى زاتلارنى مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇشتا چىڭ تۇرغان. سايلام رىقابىتى دىرېكتورى دىللون مۇئاۋىن مەسلىھەتچىلەر باشلىقى بولىدىكەن، ئۇ ئايال كىشى دېموكراتلار پارتىيەسىنى يېتەكلەپ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى.

سايلام رىقابىتى ئۆمىكىنىڭ رەئىسى، ئىلگىرى ئوباما ھۆكۈمىتى ۋە كلىنتون ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن سىتىۋ رىچىت زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسى بولىدىكەن.

سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە بايدېننىڭ ساياھەت مەسلىھەتچىسى بولغان ئاننى توماسىنى ئاق ساراينىڭ يۈرۈشۈش مەسئۇلى بولغان.

لۇئىزانا ئىشتاتىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسى تەۋەلىكىدىكى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كادرىك رىچموند ئاۋام پالاتاسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، بايدېننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ۋە ئاق ساراي ئامما قاتنىشىش ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولىدىكەن. رىچموند ئىلگىرى بايدېن سايلام ئۆمىكىنىڭ مەملىكەتلىك بىرلەشمە رەئىسى بولغان، شۇنداقلا بايدىننىڭ دەسلەپكى قوللىغۇچىسى ئىدى. سىرتتىكىلەر ئۇنىڭ ئاق سارايدىكى مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىگە كىرىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ پارلامېنتتا ئورناتقان چوڭقۇر مۇناسىۋىتىنى ئاق سارايغا ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

بايدېننىڭ مۇئاۋىن سايلام دىرېكتورى جۇلىئې رودرىگۇز ئاق ساراي ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان، ئۇ ئىلگىرى سايلام مەزگىلىدە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ھاررىسنىڭ سايلام پائالىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسى بولغان. رودرىگۇز ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى پېشقەدەم سەركەردە بولۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولغان ۋە ئامما قاتنىشىش ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇدىر بولغان.

بايدېن سايلام ئۆمىكىنىڭ باش قانۇن مەسلىھەتچىسى، شۇنداقلا ئوباما فوندى جەمئىيىتى ۋە ئوبامانىڭ شەخسىي ئىشخانىسىنىڭ باش قانۇن مەسلىھەتچىسى دانا رېمۇس بايدېننىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولىدىكەن.

بايدېننىڭ ئۇزۇن يىللىق سىرداش دوستى مايك دونىلون ئاق ساراينىڭ باش پىلانلىغۇچىسى بولىدىكەن، ئۇ ئىلگىرى بايدېننىڭ سايلام رىقابىتى نۇتۇقى ۋە تەشۋىقاتىنى پىلانلاشقا يېتەكچىلىك قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، بايدېننىڭ ئايالى جىلنىڭ سايلام رىقابىتى ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىلەر باشلىقى ئانتونى بېرنال ئۇنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بولىدىكەن؛ ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇگۋايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان رېينوسو ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلەر باشلىقى بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم نامزاتلار ئۇزۇندىن بۇيان بايدېن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەر ئىلگىرى ئاق سارايدا خىزمەت قىلغان، رىچىت ئوباما ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەندە بايدىننىڭ مەسلىھەتچىلەر باشلىقى بولغان؛ دونىلون 1981-يىلىدىن باشلاپ بايدېن ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتكەن؛ توماسسىنى بايدېن كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان دەۋردە ئالاقىلاشقۇچى بولغان؛ بېرنال 2008-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە جىل ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ھەمدە ئوباما ھۆكۈمىتىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان خىزمەتلەرنى قىلغان.

بايدېن بىر باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «مەن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنى جاكارلايمەنكى، كوللېكتىپىمىزنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرى بىزنىڭ قايتا قۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئامېرىكا نۆۋەتتە غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئۇلار ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئېلىپ كەلدى، ھەمدە بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىدۇ، تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ». 

11-نويابىر بايدېن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەمچىسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەمەلدارى كىلېيىننى ئاق ساراينىڭ مەسلىھەتچىلەر باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقى پەرەز قىلىشىچە، بايدېن يەنە بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن كابىنېت ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىشى مۇمكىن ئىكەن، كابىنېت تەركىبى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بۇ ۋەزىپىلەرنى كېڭەش پالاتاسى تەستىقلايدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىرامپ ئاخىرى مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم مۈجمەل ھالدا ئۆزىنىڭ سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.