ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاخىرى! شاھرۇھ خان يېڭى كىنو سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 17:04

شاھرۇھ خان 2018-يىلىدىكى فىلىمى «نۆل»دىن كېيىن بىر مەزگىل دەم ئېلىشنى قارار قىلغان. ئۇ كېيىنكى فىلىمىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ۋە جىقراق سىنارىيەنى كۆرۈپ بېقىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئىككى يىلنىڭ ياقى شاھرۇھ خاننىڭ كېيىنكى كىنوسى توغۇرلۇق كۆپلىگەن يالغان خەۋەرلەر چىقىپ مەستانىلەر ئۆزلىرىنىڭ تاقىتىنىڭ تاق بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.



قارىغاندا كۈتۈشلەرنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى چىققان بولسا كېرەك، ھازىرقى خەۋەرلەردە قارىغاندا، سىدارتى ئاناند («جەڭ» رىژىسسورى، ئاساسلىق ھەرىكەتلىك فىلىم ئىشلەيدۇ)نىڭ «Pathan» ئاخىرى شاھرۇھ خاننى ماقۇل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىككى يىللىق تەتىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ. شۇ كىنو گۇرۇپپىسى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار بىر كىشى داڭلىق گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ خەۋەرنى دەلىلەپ «شاھرۇھ خان بۈگۈن(18-نويابىر)دىن باشلاپ ياش راج شىركىتىنىڭ ئىستودىيەسىدە «Pathan»نى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى. فىلىم گۇرۇپپىسى پادىشاھ خاننىڭ كىنو ئىشلەشكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندى. شاھرۇھ خان بۇ فىلىمگە تولۇق تەييارلىق قىلدى، كىنونى سۈرەتكە ئېلىشكە ناھايىتى قىزغىن بولۇۋاتىدۇ» دېدى.



خەۋەر قىلىنىشىچە بۇ فىلىمدە يەنە جون ئابراھام ۋە دپېىكا پادۇكونمۇ باش رول ئالىدىكەن. سالمان خان فىلىمدە مېھمان رول ئالىدىكەن. (ھازىر شاھرۇھ بىلەن سالمان بىر-بىرسىنىڭ كىنوسىدا مېھمان رول ئېلىشقا كۆنۈپ قالدى.)

يەنە خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ فىلىم سەككىز ئاي ئەتراپىدا بىرقانچە دۆلەتتە (قارىغاندا يۇقۇمنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك) سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن.

«بومباي ئەينىكى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «11-ئايدا پەقەت شاھرۇھ خان سۈرەتكە ئېلىشكە قاتنىشىدۇ. دېپىكا ۋە جون ئابراھام كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا چەتئەلدىكى سۈرەتكە ئېلىشقا قوشۇلىدۇ. فىلىمدە شاھرۇھ خان بىلەن جون ئابراھام رىقابەتچى بولۇپ چىقىدۇ، دېپىكا مۇھىم رول ئالىدۇ» دېيىلگەن.



شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توردا بىر مەستانە شاھرۇھخاندىن قاچانلىققا ئۇنى چوڭ ئېكراندا كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغان. شاھرۇھ خان:«پات ئارىدا سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىمەن، ئاندىن كىرىشتۈرۈش ئىشلىرى بولىدۇ، ھەم كىنوخانىلارنىڭ نورماللىشىنى ساقلايمىز، پەرىزىمچە بىرەر يىلدىن كېيىن» دېگەن.

بۇ كىنودىن باشقا شاھرۇھ خان يەنە راجكۇمار ھىرانى(«ئۈچ ئەخمەق»،«پ ك»نىڭ رىژىسسورى)نىڭ كېيىنكى كىنوسىنى ئىشلەيدۇ. بۇ كىنودا شاھرۇھ خان قوش رول ئالىدۇ، يەنى بىر ساقچى ۋە بىر ئالاھىدە خادىمنىڭ رولىنى ئالىدۇ. شاھرۇھ خان يەنە ئايان مۇكەرجىنىڭ يېڭى فىلىمى، ئامىر خاننىڭ يېڭى فىلىمى «لائال سىڭ چادخا»دا مېھمان رول ئالىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاخىرى! شاھرۇھ خان يېڭى كىنو سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى

شاھرۇھ خان 2018-يىلىدىكى فىلىمى «نۆل»دىن كېيىن بىر مەزگىل دەم ئېلىشنى قارار قىلغان.