ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گرېتسىيە مېھمانساراي كەسپى غايەت زور زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 16:58

يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت گۇرۇھى گېرمانىيە تۇيى گۇرۇھى (TUI Group) توختامنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلى تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ %75ىنى 2021-يىلى 3-ئاي ياكى 4-ئايدا تۆلەشكە كېچىكتۈردى. گرېتسىيەدە مېھمانساراي كەسپى بۇ ئىش سەۋەبىدىن تېخىمۇ ناچارلىشىپ، غايەت زور زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇيى 2000دىن ئارتۇق گرېتسىيە مېھمانسارىيى بىلەن ھەمكارلاشقان. گرېتسىيە مېھمانساراي كەسپى يۇقۇم سەۋەبىدىن 12 مىليارد ياۋرودىن 14 مىليارد ياۋروغىچە زىيان تارتىدىكەن. تۇيىمۇ يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ گۇرۇھ بۇ يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 8000 ئادەم قىسقارتىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %10تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ يىل 2-پەسىلدە، تۇيىنىڭ ساپ زىيىنى 760 مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن.

گرېتسىيە مېھمانساراي كەسپى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى تاسسىئوس يېقىندا شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، تۇيىنىڭ گرېتسىيەدىكى مېھمانسارايلارغا بېرىدىغان قەرزى بۇ يىل 8-ئايدىن باشلاپ 140 مىليون ياۋروغا يەتكەن. تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرىكى توختامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، تۇيى تالون كەسكەندىن كېيىنكى 60 كۈن ئىچىدە پۇل تۆلەيدۇ. لېكىن تۇيى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۇلنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن %25نى تۆلەيدىغانلىقىنى، قالغان %75نى 2021-يىلى 3-ئاي ياكى 4-ئايدا تۆلەيدىغانلىقىنى، ھەمكارلاشقان مېھمانساراي تەرەپ ئەگەر بۇ كېلىشىمگە قوشۇلمىسا، ھېچقانداق پۇل تاپشۇرالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. تاسسىئوس بۇنىڭغا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: گرېتسىيە مېھمانساراي كەسپى چوقۇم دۆلەت مەبلىغى ئارقىلىق بۇ يېڭى كىرزىستىن ئۆتۈشى كېرەك، گرېتسىيە مېھمانسارايلىرىنىڭ مەبلەغ كەمچىلىكى خىزمەتچىلەر، ھەتتا ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا زور بېسىم كەلتۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گرېتسىيە مېھمانسارايلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تەھدىت سالىدۇ.

تاسسىئوسنىڭ ئېيتىشىچە، باشقا ساياھەت گۇرۇھلىرى، ھەتتا كۆلىمى كىچىكرەك ساياھەت كوپىراتىپلىرىمۇ يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئۇلار گرېتسىيە مېھمانسارايلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئىچىدە قەرزنى ھەل قىلىدىكەن. لېكىن تۇيى يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنىر ئۇسۇلى ئىكەن.

گرېتسىيە مېھمانساراي كەسپى بىرلەشمىسى 6-ئايدا مېھمانساراي خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە يازمىچە شەكىلدە باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپلا قالماي، بەلكى يەنە 9-ئايدا كەسىپ ساھەسىدىكىلەرنى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتتى. تاسسىئوس بۇ يىل 9-ئايدا تۇيىنىڭ گىرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-يۈرۈش ياردەم لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا دىققەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن تۇيىدا روشەن مەبلەغ كەمچىللىكى بارلىقىنى، يەنە كېلىپ مەسىلىنىڭ خەلىقئارالىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تۇيى بۇنداق چوڭ تىپتىكى ساياھەت گۇرۇھى ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندا، زۆرۈر بولغان سۇغۇرتا تەپسىلىي قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

تاسسىئوس ئەنگلىيەدىكى كونا ساياھەت كوپىراتىپى توماس كۇك گۇرۇھى (Thomas Cook Group)نىڭ 2019-يىلى ۋەيران بولغىنىدەك ئەھۋالنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئەينى چاغدا گرېتسىيە ساياھەتچىلىك بىرلەشمىسى بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز ۋەيران بولۇشنىڭ «يەتتە بال يەر تەۋرەش» ئىكەنلىكىنى، «ساياھەت تارماقلىرىنىڭ دېڭىز تاشقىنىنى ساقلاۋاتقاندەك» بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، گرېتسىيەنىڭ شۇ جايدىكى مېھمانسارايلىرى ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ 250 مىليون ياۋرودىن 500 مىليون ياۋروغىچە زىيان تارتقانلىقىنى ئېيتقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گرېتسىيە مېھمانساراي كەسپى غايەت زور زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن

يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت گۇرۇھى گېرمانىيە تۇيى گۇرۇھى (TUI Group) توختامنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلى تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ %75ىنى 2021-يىلى 3-ئاي ياكى 4-ئايدا تۆلەشكە كېچىكتۈردى. گرېتسىيەدە مېھمانساراي كەسپى بۇ ئىش سەۋەبىدىن تېخىمۇ ناچارلىشىپ، غايەت زور زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.