ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كېنىيە دۇنيادىكى بىردىنبىر ئاق رەڭلىك زىراپىگە ئۈسكۈنە تاقاپ قوغدىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 16:55

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 17-نويابىر، كېنىيە ئىساگبىنى سىرولا قوغدىلىدىغان رايونى ئىپادە بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىردىنبىر مەلۇم بولغان ئاق رەڭلىك زىراپىگە يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS) ئۈسكۈنىسى سەپلەپ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق، دېدى.

 


▲ كېنىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گارىسسا ناھىيەسىدە ياشايدىغان ئاز ئۇچرايدىغان ئاق رەڭلىك زىراپە


ئاق رەڭلىك زىراپىنىڭ تېرە رەڭگىنى بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان «ئاقىرىش گېنى» كەلتۈرۈپ چىقارغان. قوغدىلىدىغان رايوندا ئەسلىدە ئۈچ ئاق زىراپە بار ئىدى، لېكىن بۇ يىل 3-ئايدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جۈپ ئانا-بالا زىراپىنىڭ جەسىتى بايقالغان، قوغدىلىدىغان رايون ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ گۇمان قىلدى.

كېنىيە ئىساگبىنى سىرولا قوغدىلىدىغان رايونى زىراپىنىڭ مۈڭگۈزىگە تاقايدىغان GPS ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەر سائەتتە بىر قېتىم ئورۇن يېڭىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ زىراپىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشىگە قولايلىق بولۇپ، ئۇنى ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كېنىيە دۇنيادىكى بىردىنبىر ئاق رەڭلىك زىراپىگە ئۈسكۈنە تاقاپ قوغدىدى

نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىردىنبىر مەلۇم بولغان ئاق رەڭلىك زىراپىگە يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS) ئۈسكۈنىسى سەپلەپ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق، دېدى.