\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خاففېڭتون پوچتا گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى: ما يۈن مەن قۇرغان يېڭى تاراتقۇ شىركىتىنىڭ يول باشلىغۇچىسى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-29 11:07

 «خاففېڭتون پوچتا گېزىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئارىئاننا خاففېڭتوننىڭ يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا دېيىشىچە، ما يۈن ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىغا بىر تۈرلۈك مۇھىم تەكلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ «خاففېڭتون پوچتا گېزىتى» دىن ئايرىلىپ، ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش مەزمۇنى بىلەن تەمىنلەيدىغان يېڭى تاراتقۇ شىركىتى Thrive نى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان ئىكەن.

خاففېڭتون زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئەسلەپ دېيىشىچە، ئۇ چاغ 2015-يىلى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئاخبارات تور بېكىتى «خاففېڭتون پوچتا گېزىتى» نى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقىنىغا 10 يىل بولغان، ھەمدە ئالدىنقى يىلى بېسىم ۋە ساغلاملىق توغرىسىدىكى 14-كىتابى «ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش» نى نەشر قىلدۇرغان. شۇ يىلى 5-ئايدا خاففېڭتون بىلەن ما يۈن خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يىغىنىغا قاتناشقان، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر زىياپەتتە خاففېڭتون ما يۈن بىلەن پاراڭلاشقان، ما يۈن ئۇنىڭغا بىر تەكلىپ بەرگەن.

خاففېڭتوننىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ما يۈن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولسام، خاففېڭتون پوچتا گېزىتىدىن ئايرىلىپ، سىزنىڭ نۇتۇق ۋە كىتابلىرىڭىزدا ئىپادىلەنگەن كۆز قاراشلىرىڭىزغا ئاساسەن بىر شىركەت قۇرۇپ چىقاتتىم، چۈنكى ھازىر بېسىم بارغانسېرى كۈچىيىپ كىرزىسقا ئايلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز مۇشۇنداق قىلىشنى قارار قىلسىڭىز، مەن سىز قۇرغان شىركەتكە مەبلەغ سالىمەن». لېكىن شۇ چاغدا خاففېڭتون ما يۈننىڭ تەكلىپىنى ساراڭلارچە تەكلىپ دەپ ھېس قىلىپ، «خاففېڭتون پوچتا گېزىتى» نى كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۆرۈنۈشى دەپ قارىغان.

ئەمما كېيىن خاففېڭتون ئۇيقۇ بىلەن خىزمەت ئىپادىسىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ، شۇنداقلا بېسىم ۋە ئېكرانغا قاراش ۋاقتىنى ئازايتىش توغرىسىدىكى ماقالىلارنىڭ توردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بارا-بارا بۇ تېمىلار بىزگە سىياسىي خەۋەرلەردىنمۇ كۆپ ئېقىم مىقدارى ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. شۇڭا مەن پۈتۈن دۇنيا مۇشۇ خىل مەزمۇنلارغا تەشنا بولىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم».

ما يۈن ئۇنىڭغا تەكلىپ بەرگەن ئىككىنچى يىلى خاففېڭتون راستىنلا ئۆزى قۇرغان «خاففېڭتون پوچتا گېزىتى» دىن ئايرىلغان، ھەمدە كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي پاراۋانلىقىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان ۋە مەسلىھەت بېرىدىغان تاراتقۇ شىركىتى-- Thrive نى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ما يۈنمۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، سەي چوڭشىن بىلەن بىرلىكتە بۇ يېڭى شىركەتكە مەبلەغ سالغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有