\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فىلىم ئۈچۈن تۇرقىدا زور ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان بوللىۋود ئارتىسلىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-29 11:00
 

 

ئاكشاي كۇمار

ئاكشاي كۇمار فىلىم «2.0»دە سەلبىي ئوبراز، بىئولوگىيە پىروفېسسورىنىڭ رولىنى ئالغان.

 

ئامىتاب باچچان

فىلىم «Paa»دىكى بۇ ئوبراز بوللىۋود تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئوبراز ئۆزگەرتىشلەرنىڭ بىرى، فىلىم سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا ئامىتاب باچچانغا بەش سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ گىرىم قىلىنغان.

 

رىشى كاپۇر

رىشى كاپۇر فىلىم «كاپۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى»دا پۈتۈنلەي تونۇغۇسىز قىياپەتكە كىرگەن. ئۇ فىلىمدە 90 ياشلىق كىشىنىڭ رولىنى ئالغان. ئۇنىڭ گىرىمىنى فىلىم «تىتانىك» ئۈچۈن خىزمەت قىلغان گرېگ كاننون ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ گىرىمىنىڭ ئۆزىگىلا 20 مىليون رۇپىيە سەرپ قىلىنغان.

 

راجكۇمار راۋ

راجكۇمار راۋ فىلىم «Raabta»دا مېھمان رول ئالغان، بۇ ئوبراز ئۈچۈن ئارتىس كۈنىگە بەش–ئالتە سائەت گىرىم ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

 

راندېپ خودا

فىلىم «Sarbjit» ئۈچۈن راندېپ خودا پۈتۈنلەي تونۇغۇسىز قىياپەتكە كىرگەن، ئۇ 28 كۈندە 18 كىلوگىرام ئورۇقلىغان.

 

ئامىر خان

«گاجىنى» ئۈچۈن ئامىر خان 9 ئاي سەرپ قىلىپ مۇسكۇل چىقارغان.

 

ئېمران ھاشىمى

فىلم «Mr.X»دا ئېمران ھاشىمى بوللىۋودتا ھېچكىم سىناپ باقمىغان ئوبراز ھالىتىگە كىرگەن.

 

سەيىف ئەلى خان

فىلىم «Naga sadhu» ئۈچۈن سەيىف ئەلى خان ئۆزىدە چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有