ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى يەنە بىر قېتىم ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-12-28 16:55

 يېقىندا ئامېرىكا نىيۇيورك شەھەرلىك سەھىيە تارمىقىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: نىيۇيورك شەھىرىدىكى بىر تېببىي خادىمغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەنگەندىن كېيىن ئېغىر دەرىجىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋاكسىنا ئەملىگۈچىلەردە كۆرۈلگەن ناچار تەسىرنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم ۋاكسىنا قالايمىقانچىلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىدا ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن دېدى، بۇ سەلبىي خەۋەرلەر ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ۋاكسىنا ئەملەشتىن گۇمانلاندۇردى.

ئامېرىكا نىيۇيورك شەھەرلىك سەھىيە تارمىقى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ: تېببىي خادىملار Moderna بيونتېچ ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە بېرىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالدۇق. ھازىر بۇ تېببىي خادىملار داۋالىنىۋاتىدۇ، ئەھۋالى ۋاقتىنچە تۇراقلاشتى.

نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن شەھەردە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ۋاكسىنا ئەملىگەن. نىيۇيورك شەھىرىدىكى سەھىيە تارماقلىرى مۇنداق دېدى: بۇ شەھەر بويىچە ۋاكسىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە بېرىش ئەھۋالى، بىز ۋاكسىنا ئەملەش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېببىي خادىملار ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى خادىملارنىڭ ۋاكسىنا ئارقىلىق قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

ھازىر نىيۇيورك شەھىرىدە بيونتېچ ۋە مودېرنادىن ئىبارەت ئىككى خىل يېڭى تاجسىمان ۋاكسىنىسىنى ئەملەش باشلاندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم كۆرۈلگەن ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە بېرىش مىسالى ئارقىلىق، ئەكس تەسىر پەيدا قىلغان تېببىي خادىملارغا قايسى خىل ۋاكسىنىنى ئەملىگەنلىكنى يۈزدە يۈز جەزملەشتۈرگىلى بولمايدىكەن، بىراق مۇتەخەسسىسلەر كىلىنىكىلىق تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بيونتېچ ۋاكسىنىسى بۇنداق ناچار تەسىرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىدى. بىراق نىيۇيورك شەھىرىدىكى سەھىيە تارماقلىرى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى، پەقەت ئامېرىكا كېسەللىكنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ۋاكسىنىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەكس تەسىر مىساللىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمەلىيەتتە نىيۇيوركتا ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە بېرىش ئەھۋالى تۇنجى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، ئالياسكا ئىشتاتىدا داۋالاش خادىملىرى ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن ئۇدا ئۈچ قېتىم ناچار تەسىر مىسالى كۆرۈلگەن.

بىرىنچى مىسال 12-ئاينىڭ 15-كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى بىر تېببىي خادىم ۋاكسىنا ئەملەپ 10 مىنۇتتىن كېيىن يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىش ۋە ئەسۋە چىقىش قاتارلىق زىيادە سېزىمچانلىق ئەكس تەسىرى كۆرۈلگەن؛ ئىككىنچى مىسال 12-ئاينىڭ 16-كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوخشاشلا ۋاكسىنا ئەملەپ 10 مىنۇتتىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملىگۈچىدە كۆز ئەتراپى ئېشىش، باش قېيىش ۋە گال قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن؛ ئۈچىنچى مىسال 12-ئاينىڭ 17-كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر كىلىنىكا دوختۇرى ۋاكسىنا ئەملەپ 10 مىنۇتتىن كېيىن، تىلى ئىششىپ قېلىش، ئاۋازى پۈتۈپ قېلىش ۋە نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق رېئاكسىيە ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغان.
جايلار ناچار تەسىرنى ئارقا-ئارقىدىن دوكلات قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كېسەللىكنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدۇ، بىراق يېمەكلىك، ئەرمەك ھايۋان قاتارلىقلارغا سەزگۈر ھەمدە ۋاكسىنىغا يېنىك دەرىجىدە سەزگۈر كىشىلەرگە يەنىلا داۋاملىق ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك. بۇ ئورگان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشتىن ئىلگىرى دوختۇردىن ئەملەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى سوراش تەكلىپىنى بەردى.

ھەر قايسى جايلار ۋاكسىنا ئەملىگۈچىلەردە كۆرۈلگەن ناچار رېئاكسىيە ھادىسىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن دوكلات قىلغاچقا، ئامېرىكا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى مونسېف سىلوي مۇنداق دېدى: بىز بىر تۈرلۈك پىلاننى يولغا قويۇۋاتىمىز، ناھايىتى ئاسان رېئاكسىيە بېرىدىغان سىناق قىلىنغۇچىغا مودېرنا ۋاكسىنىسى ۋە بيونتېچ ۋاكسىنىسىنى سىناق قىلىۋاتىمىز ھەمدە بۇ ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە بېرىش ئەھۋالى ئارقىسىدىكى ئىممۇنىتېت مېخانىزمىنى چۈشەنمەكچى بولۇۋاتىمىز. نۇرغۇن تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاكسىنا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە بېرىش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن.

يېقىندىن بۇيان غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بيونتېچ ۋاكسىنىسىدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: مودېرنا ۋاكسىنىسى چارچاش، باش ئاغرىش ۋە مۇسكۇل ئاغرىش قاتارلىق ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە يۈز قىسمى ئىششىش قاتارلىقلار، بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بەلكىم ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن. گەرچە بەزى ئەكس تەسىرلەر ناھايىتى تەستە تۈگىسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى ئەكس تەسىر بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.

ئامېرىكا 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، يەنە بەزى قالايمىقانچىلىقلار يۈز بەردى، ۋاكسىنا توشۇش جەريانىدىكى سوغۇق ساقلاش زەنجىرى بىنورمال بولغاچقا، ۋاكسىنا بىراك قىلىندى، شۇنداقلا بەزى جايلاردا ئالدىن بەلگىلەنگەن ساندا ۋاكسىنا قوبۇل قىلىنمىغاچقا ئاممىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.

بۇنىڭدىن باشقا بەزى چوڭ كارخانىلار ۋە بايلار ھەر خىل كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، ۋاكسىنىنى ئالدى بىلەن ئەملەش ھوقۇقىغا ئېرىشمەكچى بولدى. نۇرغۇن تاراتقۇلار يېقىندا يۇقىرى باھادا ۋاكسىنا سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى ھەتتا بەزىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا پۇل ئىئانە قىلىش ئارقىلىق ۋاكسىنا ئېلىشنى ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى، بۇنداق ئەھۋالدا ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىدىن بولغانلار ۋە تۆۋەن كىرىملىكلەر مەھەللىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇربانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.# 


中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى يەنە بىر قېتىم ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى

ئەمەلىيەتتە نىيۇيوركتا ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە بېرىش ئەھۋالى تۇنجى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، ئالياسكا ئىشتاتىدا