ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-12 10:18

دۇنيا ھاۋا رايى تەشكىلاتى باش بولغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىقلار يېقىندا بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئافرىقىنىڭ 2019-يىللىق كىلىمات ئەھۋالى» دېگەن دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشى پەيدا قىلغان كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، قاتتىق ئىسسىق ھاۋا رايى ۋە قۇملۇق چېكەتكىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى-ئافرىقا رايونىنىڭ ئاشلىق تەمىناتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سالغان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش-ئافرىقا دۆلەتلىرى دۇچ كەلگەن ئورتاق تېمىغا ئايلانغان.

يېزا ئىگىلىكى-ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد تۈۋرۈكى ۋە ئاساسلىق تىرىكچىلىك مەنبەسى، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئافرىقىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى روشەن بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بەك ئاسان ۋە كۆپ قۇرغاقچىلىق بولىدىغان سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىدا، 2012-يىلىدىن بۇيان ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن نوپۇسنىڭ سانى %45.6 كۆپەيگەن. ئەڭ ناچار ئەھۋالدا، ئافرىقىنىڭ غەربى ۋە ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى 2050-يىلىغىچە %13 ئازىيىشى، شىمالىدا %11 ئازىيىشى، شەرقى ۋە جەنۇبىدا %8 تىن ئازىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇپ، يېڭى ئەۋلاد چېكەتكىلەر زور مىقداردا كۆپەيگەنلىكتىن، شەرقىي ئافرىقىدىكى چېكەتكە ئاپىتى يەنىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن دېدى. تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتىن ئايان بولۇشىچە، چېكەتكە توپى يەمەن، ئېفىيوپىيەنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە سومالىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا قاراپ كۆچۈشى ھەم كېنىيەنىڭ شىمالىغىچە كېڭىيىشى، شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇشۇ ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك قۇملۇق چېكەتكىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئافرىقا ساھىل رايونىدا، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدە نەچچە ئون ئادەم قازا قىلدى، نەچچە ئون مىڭ ئادەم يۇرت-ماكانسىز قالدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى غايەت زور زىيانغا ئۇچرىدى. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ئاگاھلاندۇرۇپ، ساھىل رايونىدا يەتتە مىليون 400 مىڭ ئادەم ئېغىر ئاچارچىلىق ھالىتىدە تۇرماقتا دېدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى توقۇنۇش، كۆك نامراتلىق، ئاشلىق بىخەتەر بولماسلىق ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدە، بۇ رايون ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرمەكتە دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 6-نويابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇركىنافاسو، نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالى، جەنۇبىي سۇداننى ئاشلىق ئېغىر دەرىجىدە بىخەتەر بولمىغان ئەڭ دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق رايون قاتارىغا كىرگۈزدى. توقۇنۇش، يۇرت-ماكانسىز قېلىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېمەكلىككە ئېرىشىشكە بولغان تەسىرى ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقتىن، بۇركىنافاسودىكى ئېغىر ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇس بەك تېز كۆپىيىپ، 2019-يىلىدىكى ساننىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يەتتى. دوكلاتتا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىشى-ئېغىر قەھەتچىلىك خېيىم-خەتىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن دېيىلدى.

سىستېمىلىق، كەڭ قۇرساق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويۇش

كەسكىن ۋەزىيەتتە، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئارقا ئارقىدىن تەدبىر چىقىرىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

كېنىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈچ مىليارد كېنىيە شىللىڭى(تەخمىنەن 27مىليون 620مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) ئاجرىتىپ، 200مىڭ كىچىك كۆلەملىك تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانغا تولۇقلىما بېرىپ، ئاشلىق تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن مەملىكەتتە ئالتە ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بازىسى قۇرۇپ، چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ ئاپەتنى كونترول قىلىش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇردى. نىگېرىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا مۇنۇلارنى قارار قىلدى: يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىغا 600مىليارد نايرا (تەخمىنەن بىر مىليارد 580 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) قوزغىتىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، كىچىك كۆلەملىك تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئاشلىق تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە زىمبابۋې ھۆكۈمىتى ئالتە مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بەردى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشلىق ئىمپورتىغا تايىنىۋېلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان يازلىق زىرائەت تېرىلغۇ پىلانىنى تۈزدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گيورگيېۋا ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئافرىقا بۆلۈمى مۇدىرى سېلاس يېقىندا بىرلىكتە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقا دۆلەتلىرى يېزا ئىگىلىكىدە ھۆل-يېغىنغا يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىدۇ، ھەر قېتىم قۇرغاقچىلىقتىن كېلىپ چىققان زىيان دۇنيادىكى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭكىدىن خېلىلا ئېغىر. ماقالىدا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سىستېمىلىق، كەڭ قورساق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويۇش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا ئىنتايىن مۇھىم. 2005-يىلى باشلانغان ئېفوپىيە «ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك تورى پىلانى» تەخمىنەن سەككىز مىليون نوپۇسنى قاپلىدى، ئون نەچچە يىلدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مەبلەغ سېلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، نامراتلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك تورى پىلانى»دا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئارقىلىق يېمەكلىك كاپالىتى كەمچىل ئائىلىلەرگە جىددىي نەق پۇل يۆتكەپ چىقىم قىلىنىپ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغگە ئېرىشىش يولى كېڭەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ زەربىگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى.

يېشىل يېزا ئىگىلىكىمۇ ئافرىقىدا ئومۇملىشىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە %70 دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتى پاكىز يېزا ئىگىلىكىنى «دۆلەت مۇستەقىل تۆھپىسى» كىلىمات ھەرىكىتىگە كىرگۈزۈپ، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سۇغۇرۇش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇ بايلىقى ئىسراپچىلىقىنى ئازايتتى.

«ئافرىقا يېزا ئىگىلىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك نامراتلارنى ئازايتىش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى».ئانگولا، بېنىن، بۇركىنافاسو قاتارلىق ئون ئافرىقا دۆلىتىنىڭ رەھبىرى يېقىندا ئاشكارا خەت ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇس نىسبىتى يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، يېزا ئىگىلىكىگە سېلىنغان مەبلەغنى كۆپەيتىش ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى، چۈنكى بۇ ئارقىلىق يېمەكلىك تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا نوپۇسىنىڭ نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىقتا قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئاشكارا خەتتە يەر شارىنىڭ خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىىش مۇراجىئەت قىلىندى.

جۇڭگو-ئافرىقا يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئافرىقىنىڭ ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىشىدە ئەھمىيىتى زور

كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت ئىزچىل تۈردە ئوخشاش بولمىغان يوللار ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ كەلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسى قوللىغان «ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ماسلىشىش تەشەببۇسى» 34 ئافرىقا دۆلىتىنىڭ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش مەبلىغىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپ، 156 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، بۇنىڭدىن 57 مىليون 800 مىڭ كىشى نەپكە ئېرىشتى.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ئاستىدا تەسىس قىلىنغان «يېشىل كىلىمات فوندى» نىڭ %42 مەبلىغى يەنى (تەخمىنەن ئىككى مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ فوندنىڭ قوللىشى بىلەن مالاۋى زامانىۋى كىلىمات ئۇچۇرى ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتوماتىك ھاۋا رايى پونكىتى، سۇ رايىنى كۆزىتىش پونكىتى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ئارقىلىق، خېيىم-خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئاپەتنىڭ تەسىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى ھەمدە شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا گانا، كېنىيە، نىگېرىيە، ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىمۇ «يېشىل كىلىمات فوندى»نىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى.

جۇڭگو ئىزچىل ئافرىقا ئەللىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ كەلدى. 2019-يىلىدىن بۇيان، پۈتكۈل جەنۇبىي ئافرىقا رايونىدا يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇل ئېغىر دەرىجىدە كېمەيدى، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى جۇڭگو بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، زىمبابۋې، موزامبىك ۋە نامىبىيەدىن ئىبارەت جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتكە جىددىي ئاشلىق ياردىمى بەردى. جۇڭگو يەنە 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق 3-قارارلىق جۇڭگو-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ھاۋالە فوندى تەسىس قىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىيات تۈرىنى يولغا قويۇشىنى قوللىدى.

بۈگۈنگە قەدەر، جۇڭگو ئافرىقىدا 24 يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇپ، ئافرىقا دېھقانلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىغا يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شۇ جايدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزدى. موزامبىكتا، جۇڭگو-موزامبىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى شۇ جاينىڭ شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، دادۇر، كۈنجۈت قاتارلىق ھەر خىل زىرائەت سورتلىرىدىن 80 نەچچىنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەلا سورتلارنى تاللاپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلەتتى ھەمدە شۇ جايدىكى دېھقانلاردىن 3000 ئادەم (قېتىم) نى تەربىيەلىدى.

يېقىندا جۇڭگونىڭ بۇرۇندى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىگە ياردەم بېرىش تۈرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تاماملاندى، بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېندائىشمىيې ئۇنى «بىر ئۇلۇغ تۈر»، بۇرۇندى ئاشلىق ئۇرۇقىنىڭ يەرلىكلىشىش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ، دەپ ماختىدى.

ئۇگاندانىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى بولغان مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ناسۇر كازافى ئۆزىنىڭ جۇڭگو يېزىلىرىدىكى تەكشۈرۈش كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو نامراتلىقنى ئازايتىش جەھەتتە مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى، بۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەينەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو شالغۇت شال، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئىلمىي سۇغىرىش قاتارلىق تېخنىكا جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق سۇپىلاردا، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىشى ۋە نامراتلىقنى ئازايتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا

دۇنيا ھاۋا رايى تەشكىلاتى باش بولغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىقلار يېقىندا بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئافرىقىنىڭ 2019-يىللىق كىلىمات ئەھۋالى» دېگەن دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە،