ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەت ئەل تاراتقۇلىرى: چەت ئەل سودىگەرلىرى كۆرگەزمىگە جەم بولۇپ، جۇڭگو پۇرسىتىنى چىڭ تۇتتى،دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-10 10:54

چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4-نويابىر شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى 5-نويابىردىن 10-نويابىرغىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۇنيادىكى 2000 دىن ئارتۇق كارخانىدىن كەلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تاۋارلار كۆرگەزمىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ، شاڭخەي يەنە بىر قېتىم ئېسىل مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى.

لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى شاڭخەيدىن ئىبارەت بۇ پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ۋە تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، قويۇق ئالاقە ئورنىتىش ۋە سودا تورى بەرپا قىلىش بوشلۇقىغا ئايلاندۇرغان.

خەۋەردە تونۇشتۇرۇلۇپ مۇنداق دېيىلدى: كۆپ ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ كاتتا مەرىكە 10-نويابىرغىچە داۋاملىشىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى.

خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 2017-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى نەچچە مىڭ خىل ئىمپورت تاۋىرىنىڭ باج نىسبىتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلەتتى، جۇڭگو تاموژنىسى يەنە تېخىمۇ جانلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىمپورت تاۋارلىرىغا، بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يېڭىلىق يارىتىشچان، مۇھىت ئاسرايدىغان تاۋارلارغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى.

خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو غايەت زور ئىمپورت يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو ئىمپورت قىلىدىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ قىممىتى 10 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

ياپونىيە «توكيو خەۋەرلىرى»گېزىتىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 5-نويابىردىن باشلاپ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئارقىلىق بىر مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىستېمال بازىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تەكىتلەپ، چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋاملىق ناچارلاشقان ئامېرىكىدىمۇ نۇرغۇن كارخانىلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كىرىزىسىدىن ئالدى بىلەن قۇتۇلۇۋاتقان جۇڭگو بازىرىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى.

ئامېرىكا چياڭشېڭ شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىغا ئايلىنىدۇ. ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئەربابلىرى بىلەن يول ئاچىدىغان ياخشى پۇرسەت.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىمپورتنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان ئىمپورت كۆرگەزمىسى بۇ يىلغىچە 3-قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسىدىكى سۈن لىشىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆرگەزمىدىكى ئاساسلىق كۆزلەش نۇقتىسى ئىمپورتتىن جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشقا يۆتكىلىش، 4-نويابىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىدېيولۇق باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنىڭ سېھرىي كۈچىنى تەكىتلىگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگودا بىر مىليارد 400 مىليون نوپۇس بار، ئوتتۇرھال كىرىملىكلەر 400 مىليوندىن ئاشىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە چوڭ بازار.

خەۋەردە مۇنۇلار تىلغا ئېلىندى: ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، مەيدانغا كىرىدىغانلارنىڭ سانىغا چەك قويغان بولسىمۇ، لېكىن شاڭخەيدىكى بىر چوڭ پۇقراۋى كارخانىنىڭ ئالاقىدار ئەربابى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قايسى كارخانىلار جۇڭگو بازىرىدىن سېتىش يوللىرىنى ئىزدەپ، پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ياۋروپادىن سودا ھەمراھى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگودا بازارغا ئېرىشىشتە ناھايىتى ئاكتىپ بولماقتا.

ئامېرىكىنىڭ تېسلا، ھەممىباب، مىكروسوفت، نايىك قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ كارخانىلىرى ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە سۇپىسى تەسىس قىلدى. ئامېرىكا ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى NBA مۇ كۆرگەزمە سۇپىسى تەسىس قىلىپ، دوپپا، تەنھەرىكەت كىيىمى قاتارلىق بۇيۇملار ۋە ئالاقىدار ئويۇن مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.

NBA نىڭ تەشۋىقات مەسئۇلى جۇڭگو بازىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆرۈپ، ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرىدىغان جۇڭگولۇقلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو نوپۇسىنىڭ ئاساسىي سانى ناھايىتى چوڭ، دېدى.

ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 5-نويابىر شاڭخەيدە رەسمىي باشلاندى، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن دۇنيا ئىقتىسادى توختاپ قالغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، دۇنيا ئىقتىسادى سىجىل ئەسلىگە كېلىۋاتقان جۇڭگودىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە، ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى كارخانىلار كۆرگەزمىگە ئاكتىپ قاتناشتى.

خەۋەردە تونۇشتۇرۇلۇپ مۇنداق دېيىلدى: بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە دۇنيادىكى 2000دىن ئارتۇق كارخانا يىغىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغىنى 400دىن ئارتۇق ياپونىيە كارخانىسى بار.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: پاناسونىك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى جۇڭگو شەرقىي شىمالىي ئاسىيا شىركىتىنىڭ لىدىرى خونما تېسۇرو تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلارغا يۈزلەنگەن سېتىش ئالدىنقى يېرىم يىلدا %10 ئاشتى، دۇنيا بويىچە جۇڭگولا مۇشۇنداق قىلالىدى. پاناسونىك كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى توسۇپ، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى. ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر جانلىنىشقا يۈزلەندى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگو ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە بۇ يىل مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەن. ياپونىيە قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىمۇ جۇڭگوغا تايىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ قىزغىنلىق بىلەن دوستلۇق قولىنى سۇنغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەت ئەل تاراتقۇلىرى: چەت ئەل سودىگەرلىرى كۆرگەزمىگە جەم بولۇپ، جۇڭگو پۇرسىتىنى چىڭ تۇتتى،دېدى

چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4-نويابىر شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى.